تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، جەزمەن ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش، نىشان يېتەكچىلىكى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈچ يىغىش، كۈچ توپلاش، كۈچ ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەم ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئىزدىنىشكە پائال ئىلھام بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2020 − 2022 - يىل)»، «يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»، «دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۈۋرۈكى ۋە تايانچ كۈچى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش ياردىمى بېرىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچى، پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە كارخانا ھالىتىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ ئۇللۇق تىرىكىنى پۇختىلاپ، قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆيلۈك يېرى بار دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆي - مۈلۈك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆيلۈك يەر ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆي ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق جانلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تاراتقۇلارنى يۇغۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن، ئىچكى تەشۋىقات بىلەن تاشقى تەشۋىقات بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان، ئىلغار تېخنىكىنى تىرەك قىلغان، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كاپالەت قىلغان پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەيدىغان، ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تارقىتىش ئېگىزلىك نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپنى باھالاش مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان سۇبيېكت ۋە ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، نەتىجىنى باھالاشنى ياخشىلاپ، جەرياننى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوشۇلما قىممەتنى باھالاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىۋېرسال باھالاشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نومۇر ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، دىپلوم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، قالپاق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان جاھىل كېسەللەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئىلمىي، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ باھالاش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ - ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئويۇن قويۇشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى كامالەتكە يەتكەن، نەپىس ئىشلەنگەن سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز سەھىيە - ساغلاملىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، تېببىي دورا - سەھىيە بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى تەدرىجىي يېنىكلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئادىللىقىنى، ئىشقا ئېشىشچانلىقىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، بىزنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە سىستېمىمىز سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى رەتلەپ، ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش شەكلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش تىرەك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسىدە قوللىنىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېببىي دورا - سەھىيە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدە بەزى جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن چارە ئويلاش، يوچۇقلارنى ئېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىسلاھات خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ زور ھاياتىي كۈچ ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ساقلانغان، يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇسۇللارغا مۇئامىلە قىلىشتا، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى شەيئىلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز سۈرئەتتە زورايتىش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.