تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى پۈتۈپ، جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىرلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، پارتىيەمىزنىڭ «تۆت ئۇلۇغ»نى بىرتۇتاش ئىگىلەش، «ئىككى 100يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن، تەشكىلىي جەھەتتىن، ئىستىل جەھەتتىن قىلىنغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بولۇپ، مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر ئۇزاق تارىخىي تەسىرگە ئىگە.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى، يېڭى تەجرىبىلەر توپلاندى. بىرىنچى، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەش. ئىككىنچى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش. ئۈچىنچى، ئورگانىك يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش. تۆتىنچى، مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا تۈزىتىش. بەشىنچى، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن كۈچەش. ئالتىنچى، قۇرۇق ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۆپلۈكى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى دۇچ كەلگەن سىناقنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولماقتا.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك؛ جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ جەزمەن مەسىلىگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك؛ جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ جەزمەن رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەزىيەت قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىرادىنى شۇنچە ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن شۇنچە باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.