تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. «ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ياشانغانلار كۆپىيىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ياشانغان ئاممىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ياشانغانلار كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياشانغانلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە يۈزلىنىشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى، ئاساسىي داۋالىنىشى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش سىياسەت سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش، بولۇپمۇ ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان ياشانغانلارغا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بەخت چوڭ قورۇسى» قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشانغانلارنىڭ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياشانغانلار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ئىجابىي رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى ساغلام روھىي ھالەت ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياشانغانلارغا ئالاقىدار بايلىقىنى پائال قوزغاپ، بىرىكتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ياشانغانلار خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى