تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلھام ئابلەت ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ سابىق 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى

ئىلھام ئابلەت ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ سابىق 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەتنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقتى، تەكشۈردى.

تەكشۈرۈلۈشىچە، ئىلھام ئابلەت پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلغان؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان، دەلىل - ئىسپاتنى يوقىتىۋەتكەن، يوشۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتى ۋە كۈتۈۋېلىشىنى قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمىتىنى يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن؛ باشقىلار بىلەن نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن مال - مۈلۈك ئۈندۈرۈۋالغان، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

ئىلھام ئابلەت پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھەم پارا ئېلىشقا چېتىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئىلھام ئابلەتكە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق مال - مۈلكىنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى