تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ فۇدەن داشۆدىكى ياش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈردى

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

جاۋاب خەت

فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بارلىق يولداشلار:

خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. 100 يىل ئىلگىرى، يولداش چېن ۋاڭداۋ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىلىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ، زور تۈركۈم ئىرادىلىك كىشىلەرنى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، مىللىي ئازادلىق، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر سىلەرنىڭ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى يولداش چېن ۋاڭداۋنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ھېكايىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تارقىتىشىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشۇڭلارنى، تېخىمۇ ياخشى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەلبتە ئىشەنچ بولغاندا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، بىز غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، قەتئىي ئىرادە باغلاپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى غايە - ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىل ئىلگىرى، يولداش چېن ۋاڭداۋ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىلىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ، زور تۈركۈم ئىرادىلىك كىشىلەرنى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، مىللىي ئازادلىق، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر سىلەرنىڭ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى يولداش چېن ۋاڭداۋنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ھېكايىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تارقىتىشىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشۇڭلارنى، تېخىمۇ ياخشى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەلبتە ئىشەنچ بولغاندا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، بىز غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، قەتئىي ئىرادە باغلاپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋاڭداۋ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىلى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ تەرجىمانى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى فۇدەن داشۆسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ مۇدىرى. 2018 - يىلى 5 - ئايدا، فۇدەن داشۆسى چېن ۋاڭداۋنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىغا ئۆزگەرتتى، بۇ مەكتەپنىڭ بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە يۈزلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يېقىندا، پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ 30 نەپەر ئەترەت ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» روھىنىڭ سادىق تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.