خەلقنى مەڭگۈ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلقنى مەڭگۈ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويايلى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىدە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 99 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەپ، 100 يىلدا كامالەتكە يېتىش. يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بوران - چاپقۇندىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماقتا.

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر قېتىملىق ئالاھىدە تارىخىي گۇۋاھچىغا ئايلاندى. بۇ يامان ئەلپازدا كەلگەن يەر شارىۋى ئېغىر تارقىلىشچان كېسەل ئالدىدا، جۇڭگو كەسكىن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق دەلىللىدى، پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان ئالىيجاناب ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتەك سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى، 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن بىر چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلىغان جان تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەردى.

ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى ساپ دىل بولىدۇ. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ شىددەتلىك ئېقىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. پارتىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە سۈپىتىدە باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىنيې يولىدىن فۇشىن يولىغىچە، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، پارتىيەمىز خەلققە چىڭ تايىنىپ، قاتمۇقات داۋانلاردىن ئۆتۈپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تارىخ بېتىدە چاقناپ تۇرغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى. توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 99 يىللىق قالتىس تارىخىي مۇساپە خەلق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن پارتىيەنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، پارتىيە مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ.

تارىخنىڭ تەرەققىياتىدا ھامان بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق ۋاقىت، تۈگۈن نۇقتىسى بولىدۇ. 2020 - يىلى، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بەرگەن جۇڭگو خەلقى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ كۈچەپ ئاتلانماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى «پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى» دېگەن ئىستىكى رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يەنە پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىغا تەپسىلىي قاراپ چىقساق، تەرەققىيات مۇھىتى تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ، دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز بولۇپ، كىرىزىس داۋامىدا يېڭى پۇرسەت يارىتىشىمىزغا، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىۋاتىدۇ. باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە چىڭ تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، پارلاق كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. قانداق قىلغاندا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا نامراتنىڭ نامرىتىغا، قىيىننىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا يۈزلەنگەندە كۆڭلىدە سان بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن. تارىخنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىپ، ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەپ كۈرەش قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار»نى تاماملاپ، ئارقا - ئارقىدىن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا كەڭ ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئالدىدا، بىز چوقۇم باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

بوران - چاپقۇننى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن كىشىنىڭ ئىرادىسى تاۋلىنىدۇ، ئازراق نەتىجە يارىتىپ توختاپ قالساق بولمايدۇ، چۈنكى ئالدىمىزدا يول تېخى ئۇزۇن. پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا، ئادەم تاغنىڭ بېلىگە بارغاندا، تېخىمۇ ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىدە، يېڭى ئۇزۇن سەپەردە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى