تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يى خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يېڭى رايون سۈت فېرمىسى 2-لىيەنىسىدە، 110 كىلوۋولتلىق تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق مەيدانى ترانسفورماتور پونكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان 259 كەنتتە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ چىگرا رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 22 مىڭ ئائىلىلىك، 87 مىڭ 400 دېھقان چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزۈلىدۇ.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان كەنتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقاق جايلاشقان بولۇپ، قاتناش قولايسىز، مۇھىتى ناچار، توك بىلەن تەمىنلەش رادىيوسى ئۇزۇن بولغاچقا، توك يەتكۈزۈلمەسلىك، توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر چەت، يىراق جايلاردىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان كەنتلەرگە تور يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يېزا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، چېگرا رايونلارنى توك بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.»

  2018-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جەمئىي 753 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، قۇرۇلۇش 27 ناھىيە، باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان 259 كەنتنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020-يىلىلا سېلىنغان مەبلەغ 105 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 17 ناھىيە، باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان 106 كەنتنى قاپلايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، قىسمەن قۇرۇلۇشلار پىلاندىكىدىن كېيىن باشلانغان، مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر شىركەت 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت نىشانىنى بېكىتىپ، يۇقۇمنى تىزگىلەش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەت كارخانىلىرى ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىدا «يېشىل يول» ئېچىپ، قۇرۇلۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن قۇرۇلۇشنى تەڭ ئېلىپ بارىدىكەن.

  ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يېڭى رايوننى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يادۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يېڭى رايوننى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ ساياھەت، تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەھەللە قۇرۇلۇشىنىڭ توك ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، باشقا رايونلار بىلەن چېگرالىنىدىغان كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى