تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە ئەزاسى فېڭ مېڭمېڭ: ياشلىق كۈرەش قىلىش بىلەن گۈزەل

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمېڭ (سولدا) خىزمەتدىشى بىلەن داگاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىنىڭ 2-رايونىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن فېڭ مېڭمېڭ بىر كومپارتىيە ئەزاسى، ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 13 يىلدىن بۇيان، نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىغا پىششىق بولمىغان ئايال ئىشچىدىن داگاڭ نېفىتلىكىنىڭ باش تېخنىكى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى ھەم مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى، جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئېرىشتى، ئۇ  تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىقىنى تېخىمۇ گۈزەل ئۆتكۈزدى.

فېڭ مېڭمېڭ ھازىر داگاڭ نېفىتلىكى 2-نېفىت ئېلىش زاۋۇتى 2 - نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونى نېفىت ئېلىش 2 ـ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، مەشغۇلات رايونىدىكى 50 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى تەخمىنەن 60 نېفىت قۇدۇقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە «فېڭ مېڭمېڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى»نىڭ مەسئۇلى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى جەمئىي 1000دىن ئارتۇق كىلاپان تەگلىكىنى يېڭىلاپ، 300دىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ 18 تۈرلۈك ئەمەلىي يېڭى تىپتىكى پاتېنتىغا ئېرىشتى.

فېڭ مېڭمېڭ ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقاندا پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلاشقان، ئەينى چاغدا نېفىت ئىشچىسى بولغان ئاتا-ئانىسى ئۇنى مەيلى كەسپىي ئىقتىدارى ياكى ئىدىيەۋى تونۇشى جەھەتتە بولسۇن يەنىلا يېتەرسىزلىكى بار دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، نەتىجە ياراتقاندىن كېيىن، ئاندىن پارتىيەگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلغان. فېڭ مېڭمېڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئاتا ـ ئانامنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىدىم، كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئۈزلۈكسىز تىرىشتىم. پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە مەن بەك شەرەپ ھېس قىلدىم».

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، فېڭ مېڭمېڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتىنى باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىي 200 نەچچە قېتىم قۇدۇق چارلاپ، نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى كاشىلىنى ئون قېتىم ھەل قىلدى، خەتەرلىك قۇدۇقنى ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمىڭ داگاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 2-رايونىدىكى «فېڭ مېڭمېڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى»دا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمېڭ داگاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 2-رايونىدا ماشىنا تاسمىسىنىڭ ئۇپراش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمېڭ داگاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 2-رايونىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمېڭ (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن داگاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 2-رايونىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

دائىم بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلغاچقا، فېڭ مېڭمېڭنىڭ قولى (سولدا) ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭكىگە ئوخشاش قوپال ئىدى (6-ئاينىڭ 29-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، فېڭ مېڭمىڭ «فېڭ مېڭمېڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى» ئىچىدە ئەھۋال چۈشەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى