تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى 200 ئاغرىق قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چۇۋ جىڭ، ياڭ جيې خەۋىرى، فوتوسى):«ئوپېراتىسيەدە ئازراقمۇ ئاغرىمىدى، ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن، شەندۇڭلۇق مۇتەخەسسىسلەرگە رەھمەت، سىلەر جاپا چەكتىڭلار!» يېقىندا، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى ئوپېراتىسيە قىلدۇرغان 68 ياشلىق بوۋاي ئابلا ئابدۇرېھىم داۋالاش ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى باش بارمىقىنى چىقىرىپ جاڭ خەن (سولدىن 1-كىشى) ۋە داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنى ماختىدى ھەمدە يېڭىسارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى يېڭىسار ئۆرۈكىنى سوۋغا قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابلا بوۋاينىڭ ئوڭ كۆزىگە ئاق چۈشكىلى ئۈچ يىل بولغان ئىدى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى غۇۋالاشتى، ئەمما ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، كېسىلى ۋاقتىدا داۋا تاپالماي، بوۋايغا كۆڭۈل ئاغرىقى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە باشلىنىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تېببېي خادىملار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، جىنەندىن قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 200 نامرات ئاغرىقنى ھەقسىز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى، ئابلا بوۋاي بۇ ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا ئوپېراتسىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

    ئابلا بوۋاينى «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، شەندۇڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەن ئوپېراتسىيە قىلدى. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئابلا بوۋاينىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە يەنە قوشۇمچە رەڭدار پەردە ئارقىسىغا چاپلىشىش، كونا رەڭدار پەردە ياللۇغى، كۆز قارىچۇقى ئىنتايىن كىچىك بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مۇرەككەپ ئامىللار بىرىككەن بولۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇئەييەن قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خەتىرى بارلىقى مۆلچەرلەنگەن، ۋاقىتنى قانچە كەينىگە سوزغانسېرى، كۆز گۆھىرى بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئاغرىقنىڭ ئەما بولۇش خەۋپىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جاڭ خەن دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە ئابلا بوۋاينىڭ ئوپېراتسىيەسنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلدى.

  6-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ خەن مول تەجرىبە ۋە يۇقىرى ئوپېراتسىيە ماھارىتىگە تايىنىپ ئوپىراتسىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئابلا بوۋاينىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىن مېڭىپ چىققان ئابلا ئابدۇرېھىم بوۋاي (سولدىن 1-كىشى) داۋالاش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى ماختىماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشتىن ئوپېراتسىيەگىچە، «قەشقەر نۇر سەپىرى» بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى قىسقىغىنە 12 كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، 200 ئاغرىقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان، شۇنىڭدەك شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

«قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، شەندۇڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەن بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا.

  «قەشقەر نۇر سەپىرى» بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۆت ناھىيەدىكى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنى قېلىپلاشتۇردى. «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، شۇ جايدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئوپېراتسىيە جەريانىغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش ھالقىلىرىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ پەن قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى، يەرلىكنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكلارنىڭ كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

   ئىگىلىنىشىچە، «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» ئۇدا ئۈچ يىل قانات يايدۇرۇلىدىكەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىدىغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى ئاغرىقلارنى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز يولغا قويۇپ، يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىقنى كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ياردەمگە ئېرىشكەن تۆت ناھىيەدە 600 قېتىم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىكەن، ئۈچ يىلدا جەمئىي 1800 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى داۋالاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى