
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر باقىتبېك ھاشىمخان خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى ئېگىز تاغ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. ياز پەسلىدە، قابا ناھىيەسى ئېگىز تاغ چارۋىچىلىق مەيدانىدا، قازاق چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى قاتار-قاتار ئاق رەڭلىك سارايغا ئوخشايدىغان بولۇپ، پايانسىز كەتكەن يايلاققا ھۆسن قوشتى. ئۇنىڭ ئەتراپى بۈك-باراقسان قارىغايلىق بولۇپ، بەزىدە ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلارنىڭ كىشى قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان پۇرىقى كېلەتتى، يەنە بەزىدە ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى كىچىك ئېرىقلاردا سۇلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى، قولنى سوزسىلا تۇتقىلى بولىدىغاندەك ئاپئاق بۇلۇتلار، يايلاقتا چېپىشىپ يۈرگەن ئات، كالا، قوي پادىلىرى، بىپايان يايلاقنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتەتتى.
















