تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسى كۆپ، قانداق قىلغاندا تاماكا تاشلىغىلى بولىدۇ

    تاماكا چەككۈچىلەرنى ئادەتتە ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىنغا خۇمار بولمىغانلار، يەنە بىرى، خۇمار بولغانلار. خۇمار بولمىغانلار تاماكا تاشلاشنى ناھايىتى ئاسان، خۇمار بولغانلار ناھايىتى تەس ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تاماكا خۇمارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاندىمۇ بىردەملا داۋاملىشىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ:

   تاماكا خۇمارى تۇتقاندا، ئىمكانقەدەر كەينىگە كېچىكتۈرۈپ چېكىش، شۇنداقلا چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، مەسىلەن، ئۈچ قېتىم، بەش قېتىم، 10 قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىش كېرەك. بۇ جەرياندا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، تاماكا خۇمارى بېسىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ياكى تاماكا چېكىشنىڭ ئورنىغا بىر ئىستاكان چاي، ئازراق سۇ قويۇپ ئىچىپ سىناپ بېقىش كېرەك. 

    تاماكا خۇمارى تۇتقاندا، ئەڭ مۇھىمى دىققەتنى چېچىش، ئامال قىلىپ بىرەر ئىش تېپىپ قىلىش. مەسىلەن، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش، سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش ياكى چېنىقىش، بۇنداق بولغاندا تاماكا خۇمارىدىن يىراق تۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن دوستلارنىڭ دائىم قولىدىن، ئاغزىدىن تاماكا چۈشمەيدۇ، بۇ چاغدا بىرەر ئىش بىلەن دىققەتنى چاچسا ياخشى. مەسىلەن، ھۆسىن خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، چىش كولىغۇچ چىشلىۋېلىش ياكى سېغىز چايناش دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى قول، ئېغىز ئادىتىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدىغان ئۇسۇللاردۇر. يەنە مۇزىكا ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ، جۇشقۇن مۇزىكا ئادەمدىكى پاسسىپ خىيال ۋە كەيپىياتنى يوقىتىدۇ. نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەر بېسىمغا ئۇچرىغاندا تاماكا چەككۈسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، تاماكا چېكىپ بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ساغلام ئۇسۇلدا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش تېخىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

    ھەر قانداق ياشتىكىلەر تاماكا تاشلىغاندا پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن، قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ؛ تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەسلىدىكى تاماكا چەككەن ۋاقىتتىكىدىن يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ؛ تەخمىنەن تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى تاماكا چەكمىگەن ھالەتكە قايتىدۇ. 40 ياشتا تاماكا تاشلىغىلى بولسا، تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېسەللىك، مېيىپلىك ۋە ئۆلۈم خەۋپىنى %90 يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر 30 ياشقا كىرگىچە تاماكا تاشلىغاندا، تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك، مېيىپلىك ۋە ئۆلۈم خەۋپىنى %97 يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا شۇنچە ياخشى.    نۇر گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى