تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون بويىچە 259 چېگرا بويى كەنتىدە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى جەنۇبىي قىرغىقى يېڭى رايونىدىكى 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018 - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان 259 چېگرا بويى كەنتىدىكى يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەمئىي 22 مىڭ ئائىلىلىك 87 مىڭ 400 دېھقان - چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چېگرا بويى كەنتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقاق جايلاشقان، قاتنىشى قولايسىز، مۇھىتى ناچار، توك بىلەن تەمىنلەش رادىيوسى ئۇزۇن، توك ئىشلىتىشتىكى «بوغما ھالەت»، «تۆۋەن توك بېسىمى» قاتارلىق مەسىلىلەر شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا بويى كەنتلىرىنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى باشلىدى، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى 753 مىليون يۈەن بولۇپ، 27 ناھىيەدىكى 259 چېگرا بويى كەنتىنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2020 - يىلى 105 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 17 ناھىيەدىكى 106 چېگرا بويى كەنتىگە چېتىلغان.

«ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى جەنۇبىي قىرغىقى يېڭى رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ھەم سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ ساياھەت، ئادىمىيەت، تۇرالغۇ، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەھەللە قۇرۇلۇشىنىڭ توك ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئىلى دەرياسى جەنۇبىي قىرغىقى يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يادۇڭ.

«بۇ قۇرۇلۇش چېگرادىكى چەت - ياقا رايونلاردا توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، چەت - ياقا رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ <توك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش>تىن <ياخشى توك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش>قا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جوۋ چېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى