تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى ئاچتى

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ساقلانغان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى، «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ» «تۆت ئىشەنچ» «ئىككىنى قوغداش»نى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، روھنى تاۋلاش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆججەتنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئازايتىش قاتتىق چەكلىمىسىنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، ساننى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن باھالاش، قاتلاممۇقاتلام باھالاش، قىستۇرۇۋېلىپ باھالاشنى قاتتىق چەكلەپ، «كۆپ خىل باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ خىل تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش»كە ئىلھاملاندۇرۇپ، زىيادە ئىز قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلغان كاشىلىنى ئازايتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپلا بولدى قىلىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش - غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ھوقۇق بېرىپ قۇۋۋەت قوشۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش بىلەن قۇۋۋەت قوشۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق بېرىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئالىدىغان ئىش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، مەھەللىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇپ، ئورتاق كۈچەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا ياتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ بو، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى