تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نى تۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش ۋە مەشىقلەندۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى كۈچنى توپلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى خەلق ئارمىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى غەلىبە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇجىلار قوشۇنى ۋە بەنزە ئەزالىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىك قىلىش، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سايلام تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سايلىمىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سايلام تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سايلام سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئېڭى، سىياسىي ئاڭ، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەكىللىك سالاھىيىتى شەرتىنى چىڭىتىپ، لاياقەتلىك ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىللەر سانىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەخلاقلىق ھەم ئىختىساسلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە بەنزە قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەزالار نامزاتىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش كېرەك. تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سايلامدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى يولغا قويۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پۈتكۈل جەرياندا ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەكىللەرنى دېموكراتىك ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، سايلام خىزمىتىنىڭ تەكشى - مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى تايانچلىرىنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمە، تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.