دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ
ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ <دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكىرى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.
تۈرگە ئايرىلىشى ئىلمىي، جايلىشىشى مۇۋاپىق، قوغدىلىشى كۈچلۈك، باشقۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى، تەبىئىي خارابىلىرى، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ سىستېمىلىق قوغدىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىش، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا نىسبەتەن ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.
«يولغا قويۇش پىكرى»دە ئۈچ باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 - يىلى، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ 2025 - يىلىغا بارغاندا، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىدۇ؛ 2035 - يىلىغا بارغاندا، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
«يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، دۆلەت بېكىتكەن تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىر بار بولغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى، گېئولوگىيە باغچىلىرى، ئورمان باغچىلىرى، سۇلۇق يەر باغچىلىرى، قۇملۇق باغچىلىرى قاتارلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت يەرلىرىنى رەتلەپ، ئېكولوگىيە قىممىتى ۋە قوغداش سىجىللىقىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ، دۆلەت باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، تەبىئىي باغچە دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە تەڭشىلىدۇ ۋە تۈرگە ئايرىلىدۇ. دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئاساس قىلىنغان، تۈرلۈك تەبىئىي باغچىلار قوشۇمچە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ.