تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، تىرىشىپ نادىر قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ جىنشاجياڭ دەرياسى ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، تىرىشىپ نادىر قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جىنشاجياڭ دەرياسى ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بارلىق قۇرۇلۇشچىلار ۋە قۇرۇلۇشقا تۆھپە قوشقان كەڭ كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇشتىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى. يولداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، كېيىنكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، تىرىشىپ ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى نادىر قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىنشاجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جىنشاجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنى قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ توك تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، يۈننەن، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، مۇراسىمدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرى لۇچۈەن ناھىيەسى بىلەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى خۈيدۇڭ ناھىيەسىنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 2015 - يىلى 12 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىغان، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 38 مىليارد 910 مىليون كىلوۋات سائەت. سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى 2021 - يىلى 7 - ئايدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.