تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ۋەكىللەر خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاپ، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ۋەكىللەر خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە سۆھبەتكە سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلام، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئالاقىلىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئالاقىلىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيە خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋەكىللەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشىدا ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قومۇل شەھەرلىك، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەناخان ئابدۇرېشىت ۋە يى سەنتەي پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش