تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر يەكەن ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆزى مەسئۇل بولغان ئېغىر نامرات ناھىيە يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھالەت، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىستىل، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىرادە بىلەن، جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەكەن ناھىيەسى ساياھەتچىلەرنى يىغىش - تارقىتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ناھىيەلىك تازىلانغان كۆكتات ۋە توڭلىتىپ قۇرۇتۇش پىششىقلاش سېخى، توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك كارخانىسى، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىق باغچە رايونى تۈرى، يەكەن كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتى خاس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كوچىسى، تەبىئىي پىگمېنت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، مەخسۇس تېمىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، شۆھرەت زاكىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەشقەر ۋىلايىتى، بولۇپمۇ يەكەن ناھىيەسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش ئەڭ تەس بولغان نامراتلىق قورغىنىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىدە سالمىقى ئېغىر، تەسىرى زور. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش پەيتى ئاللىبۇرۇن يېتىپ كەلدى، ھەم چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەم كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نوپۇسنى چىڭ كۆزلەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش بىلەن بىللە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھەم يېڭىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرمۇ ئاممىنى سەپتىن قەتئىي چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش، چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا قايتما ئىنكاس قىلىنغان ياكى بايقالغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، داۋاملىق ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەر تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جارى قىلدۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەم جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق نامرات ئاممىنى بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى