تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت پوسۇلكىسى 20 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئالاتاۋ پورتى 160 كۈندە پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئورۇنداپ بولدى

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت پوسۇلكىسى 20 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 18دە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئايرىش سىزىقى ئىچىدە، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىمى جياڭسۇ كۇنشەندىن پولشاغا ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم جەمئىي 162 مىڭ 900 دانە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت پوسۇلكىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ دەلىللەۋاتاتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنىگىچە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنىڭ سانى 20 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 20 مىليون 11 مىڭ 100گە يەتكەن.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ، ئالاتاۋ پورتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى مىسلىسىز ئاشتى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېكسپورت سانى 125 مىڭ دانىدىن ئېشىپ، 160 كۈندىلا 20 مىليون دانىلىق پۈتۈن يىللىق نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«شىركىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ مىقدارى ھەر ئايدا سىجىل ئېشىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە، شىركەتنىڭ 6 - ئايدىكى پوسۇلكا سانى 6 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتتى. تاموژنا ۋە تۆمۈريول تارماقلىرى بىز ئېكسپورت قىلىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ماس كېلىدىغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت سىياسىتىنى تۈزدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشغۇلات ئەندىزىسى ئارقىلىق بىز ئىككى ھەپتە ئىچىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنى ياۋروپاغا توشۇپ، ياۋروپادىكى خېرىدارلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۇق» دېدى ئالاتاۋ پورتىدىكى مەلۇم ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋۇلاڭ.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى ئاساسلىقى ئويۇنچۇق، ئۆي جاھازلىرى، كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، كۈندىلىك چەرچىن ماللار قاتارلىق تاۋارلار بولۇپ، ماللار ئالاتاۋ پورتىغا كەلگەندىن كېيىن، تۆمۈريولدا توشۇلۇش ئارقىلىق بېلگىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىتىلىپ، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنىسىغا چېگرادىن كىرگۈزۈشكە مەلۇم قىلىنىپ، شۇ جايدىكى پوچتا، دۈنخاۋ تېز يەتكۈزۈشى ياكى UPS تېز يەتكۈزۈشى قاتارلىقلارغا تاپشۇرۇلۇپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش