تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھۆل - يېغىن بولدى

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئومۇمىي تەسىرىنىڭ پايدىسى زىيىنىدىن چوڭ، بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلار يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشى كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، بىرقەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھۆل - يېغىن كۆرۈلۈش، قىسمەن تاغلىق رايونلاردا قېلىن قار يېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كۈندۈزدىن 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 18گىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغقان، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغقان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلار، مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىكى نەنسەن، تىيانشان بوغدا كۆلى، ئىلى ئوبلاستىدىكى نىلقا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قار ياغقان، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق تاغلىق رايونىدا قېلىن ياكى قاتتىق قار ياغقان، يۇقىرىقى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئون سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تۆۋەنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى لۈ شىنشېڭ چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا بىرقەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھۆل - يېغىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا قار يېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى».

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 6دىن 18گىچە، ھۆل - يېغىن مىقدارى 14.4 مىللىمېتىرغا يېتىپ، قاتتىق يامغۇر دەرىجىسىگە يېتىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئون سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشتى.

بۇ قېتىمقى يامغۇرنىڭ مىقدارى كۆپ، بىراق داۋاملىشىش ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمىدى. ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېچىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم رايونلاردا سىم - سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي قايتا ئۆرلەيدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ھۆل - يېغىن، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھاۋا رايى ئاسانلا بۇغداينىڭ سۈتلىشىش مەزگىلىدىكى يېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ پىشقان كۈزگى بۇغدىيىنى يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇشقا ئازراق تەسىر كۆرسىتىدىكەن، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ئىسسىقنى خالايدىغان زىرائەتلەردىن كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىراق كەڭ دائىرىلىك ھۆل - يېغىننىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىسى زىيىنىدىن چوڭ بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ بولغان كۈزگى بۇغدايلارنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخلاپ قېلىش، كۆكىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى؛ ئېڭىز ئورنىغا تېرىلىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلار ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، يوپۇرماق ئوغۇتى چېچىپ، بوران، ھۆل - يېغىننىڭ سۈتلىشىش مەزگىلىدىكى بۇغداينى ياتقۇزۇۋېتىشىدىن ساقلىنىشى ھەم پايدىسىز ھاۋا رايى مەزگىلىدىن ساقلىنىپ، پىشقان كۈزگى بۇغداينى ۋاقتىدا تېز يىغىۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش