تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«چۆل كېمىسى» كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ جو، لى شىڭ): 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە تېمپېراتۇرا 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، بۇنچىلىك ئىسسىق تۆگىگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. نۇرمەمەت ئىمىن 20 تۆگىنى ھەيدەپ تەسكەي تەرەپكە كەلدى، ئۇ يەردە تەييار يەم-خەشەك بار بولۇپ، تۆگىلەر ئارام ئالدى. 

  «بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ گۆھىرى. ھازىر تۆگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 282 تۆگە بار، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ يەنە 60 تۆگە سېتىۋېلىپ كېلىپ، تۆگە سۈتى ساتىدىغان ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىمەن» دېدى نۇرمەمەت.

  نۇرمەمەت قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى، بۇ كەنتنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز. نۇرمەمەتنىڭ ئائىلىسى ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ تۆگە بېقىپ كەلگەن، لېكىن ئۇ ئىلگىرى پۈتۈن كەنتنىڭ كۈچنى توپلاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  تۆگىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر، ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى تۆگە سۈتى. ھىڭگان ئىككى يىلدا بىر تۇغىدۇ، 14 ئاي سۈت بېرىش مەزگىلى بولۇپ، بىر كۈندە 1-2 كىلوگىرامغىچە سۈت چىقىدۇ. تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ. «بۇ بىر نەچچە يىلدا تۆگە سۈتىنىڭ باھاسى ناھايىتى تېز ئۆستى، شۇ جايدا بىر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنى 50 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ، تۆگە يۇڭى، تۆگە گۆشىنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەن ئەمەس» دېدى نۇرمەمەت.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى تۆگە بېقىش چوڭ ئائىلىلىرىنى تىزىملاپ، ئۇلارنى باشلامچىلىق بىلەن تۆگە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ ئوي نۇرمەمەتنىڭ ئويى بىلەن بىر يەردىن چىقتى. ناھايىتى تېزلا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شېڭشى قۇملۇق كېمىسى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، نۇرمەمەت قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالىسى چوڭ پايچىك بولۇپ قالدى.

  كەنت كوپىراتىپقا 30 مو بوش يەر بۆلۈپ بەردى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ 330 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 1200 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن تۆگە قوتىنىغا تۇنجى تۈركۈمدە تۆگە سېتىۋېلىپ ئەكەلدى. كوپىراتىپ «كوپىراتىپ + كەنت ئاھالە كومىتېتى + نامرات ئاھالە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللاندى. ئەمما، كەنت ئاھالىلىرىگە بۇ خىل ئۇسۇلنى قانداق قوبۇل قىلدۇرۇش تەسكە توختىدى. كەنت نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تارقىتىپ بەردى، نۇرمەمەت ۋە كوپىراتىپنىڭ باشقا ئەزالىرى كۆپچىلىكنى پاي قوشۇشقا دەۋەت قىلدى.

  «مەن ئۇلارغا مۇنداق ھېسابلاب بەردىم، بىر كىلوگرام تۆگە سۈتىنىڭ سېتىلىش باھاسى 50 يۈەن، ھەر كۈنى كوپىراتىپ 50 كىلوگرام تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، بىر كۈنلۈك سېتىش سوممىسى 2500 يۈەنگە يېتىدۇ، بۇنىڭدا تېخى تۆگە يۇڭى، تۆگە گۆشىنىڭ پۇلى قوشۇلمىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن بىر يىللىق كىرىم ئاز بولمايدۇ» دېدى نۇرمەمەت. نۇرمەمەتنىڭ دەۋىتىدە، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر بەس-بەستە پاي قوشۇشقا باشلىدى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كوپىراتىپ تۇنجى قېتىم %4 نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىم قىلدى، پايدا تەقسىمات سوممىسى 680 يۈەندىن 880 يۈەنگىچە بولدى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ خوشال ھالدا پايدىنى قولىغا ئالغانلىقىنى كۆرگەن نۇرمەمەت ۋە باشقا كوپىراتىپ ئەزالىرى خۇشاللىقتىن كۈلۈپ كەتتى.

  نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل چوقۇم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پايدا تەقسىمات نىسبىتىنى %8كە ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى