تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ۋۇخەن «قايتا قوزغىتىلغان» 100-كۈندە 308 ماھىر چاڭجياڭ دەرياسىدىن توغرىسىغا ئۈزۈپ ئۆتىدۇ

2020-يىللىق 46-نۆۋەتلىك ۋۇخەن 7.16 چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

(جاڭ چىن فوتوسى)

جۇڭگو ئاخبارات تورى، ۋۇخەن، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ چىن): 2020-يىللىق 46-نۆۋەتلىك ۋۇخەن 7.16 چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋۇخەن يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش بايرىمى دەل ۋۇخەننىڭ «قامالنى بىكار قىلغان»لىقىنىڭ 100-كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، شۇ چاغدا 308 ماھىر چاڭجياڭ دەرياسىنى توغرىسىغا ئۈزۈپ ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل شەخسلەرنىڭ تېز ئۈزۈپ ئۆتۈش مۇسابىقىسى ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش بايرىمى ۋۇخەندىكى ئەنئەنىۋى ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020-يىللىق 46-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش بايرىمى ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملىشىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى مەيدان چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى. ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى كىچىكلىتىلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش بايرىمىدا 30 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ، ھەربىر كىچىك گۇرۇپپىدا 10دىن 12گىچە ئادەم بولۇپ، جەمئىي 308 ئادەم بار ئىكەن.

ۋۇخەن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن فەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىناق مۇسابىقىسى ئارقىلىق تاللانغان 308 ماھىر، جۈملىدىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر، سېسترا، ساقچى، ئىككى تاغدىكى قۇرغۇچىلار، پىدائىيلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار رەسمىي مۇسابىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە جەمئىي تۆت قېتىم نوكلېئىك كېسلاتاسىنى تەكشۈرتىدۇ. تەشكىلىي كومىتېت مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى، سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەريادىن ئۆتۈش نەق مەيدانىنىڭ مۇھىتىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرىدۇ.

يۇقۇم تەسىرىدە، كۆپ قىسىم ماھىرلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، تەشكىلىي كومىتېت قۇرۇقلۇق بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى، سۇ بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزلىك مەشىق ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، مەشىق قېتىم سانى 12 قېتىمدىن كەم بولمايدۇ.

چاڭجياڭ دەرياسى نۆۋەتتە تاشقىن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، تەشكىلىي كومىتېت مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزدى، يەنى ئەگەر سۇ ئورنى ۋۇخەندىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش سۇ ئورنى 27.3 مېتىرغا يەتسە ياكى پائالىيەت مەزگىلىدە قاتتىق يامغۇر، گۈلدۈرمامىلىق ھاۋا رايى قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللارغا يولۇقسا، دەريادىن ئۆتۈش بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى