تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خوتەن كەچلىك بازىرى: نامرات ئاممىنىڭ «يېمەك-ئىچمەك» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول ئاچتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (ليۇ بىڭ، خاڭ رۈي خەۋىرى): يۇلغۇن كاۋىپى، قېتىق زۇڭزىسى، ئاچچىق-چۈچۈك قوي پاچىقى، پېتىر مانتا ... ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېپىلغاندا، تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار چىراغ نۇرلىرىدا چاقناپ، ئىس-تۈتەك قاپلاپ تۇرغان شىنجاڭ خوتەن كەچلىك بازىرىنى مەززىلىك تائاملارنىڭ ھىدى قاپلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار مۇجەسسەملىگەن خوتەن كەچلىك بازىرى توردا ئالقىشلانغان جايغا ئايلىنىش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشىغا يول ئېچىپ بەردى، نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق جەننەتخان قادىر ئېرى ئابدۇمەمەت زۇلپىقار بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر قۇشخانىغا بېرىپ قوي گۆشى، زاسۈي سېتىۋالىدۇ. ئۇ كۈندۈزى سېتىۋالغان قوي گۆشى، زاسۈينى پاكىز يۇيۇپ، توغراپ، تۇزلاپ، زىخقا ئۆتكۈزۈپ، كەچقۇرۇن خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى كاۋاپ يايمىسىغا ئاپىرىدۇ.

«گەرچە ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ ياتساقمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى نامرات كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ چارچىساقمۇ ئەرزىيدۇ». جەننەتخان ئۆزىنىڭ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى كاۋاپ يايمىسىنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ، دەل مۇشۇ كىچىككىنە يايما ئورنى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ «يېمەكلىك» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

جەننەتخان ئائىلىسى خوتەن شەھىرى شەھەر ئەتراپىدىكى تىپىك نامرات ئائىلە، يېرى يوق ئىشسىز بولۇپ، ئېرى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ ئائىلىسىدىكى بەش جان كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئىلگىرىكى نامرات كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، جەننەتخاننىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ياش تۆكتى.

2016 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ۋە ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ «نام كارتىسى» بولغان خوتەن كەچلىك بازىرى تىجارەت باشلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ يايما ئورنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە ئىجارىگە بېرىلدى. جەننەتخان ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا بىر يايما ئورنىغا ئېرىشتى، خوتەن كەچلىك بازىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى يەنە ئۇنىڭ يېرىم يىللىق يايما ئورنىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى.

«مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن خوتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى كاۋاپ پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى بىر ئاز بىلىدۇ، ئېرىم ئىككىمىز ئۈمىدىمىزنى كەچلىك بازاردىكى كاۋاپ يايمىسىغا باغلىدۇق،» دېدى جەننەتخان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كۈندۈزى ئۆيىدە ھەر خىل كاۋاپلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، كەچتە كەچلىك بازاردىكى يايما ئورنىدا بىرلىكتە ساتتى. يۇلغۇن كاۋىپىنى تۇزلاپ تەم كىرگۈزۈش، قوي بۆرىكى كاۋىپى پىشۇرغاندا سېسىق پۇراقنى يوقىتىشتىن، كاۋاپ پىشۇرغاندا ئوتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى تەڭشەشكىچە، ھەر كۈنى كەچلىك بازاردا تىجارەتنى توختاتقاندىن كېيىن، جەننەتخان ئېرى بىلەن شۇ كۈندىكى يولۇچىلار ئېقىم ئەھۋالىغا ئاساسەن ئانالىز قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

كاۋاپ پىشۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەننەتخاننىڭ كاۋاپ يايمىسىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، 2017-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. 2019- يىلى، ئېرى ئابدۇمەمەت زۇلپىقار خوتەن كەچلىك بازىرىدا يەنە بىر يايما ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىپ پولۇ ساتتى، ھەر كۈنلۈك سېتىش سوممىسى 500 يۈەندىن ئاشتى. ئىككى يايما ئورنىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، جەننەتخان ئائىلىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ساياھەتچىلەرگە خوتەننىڭ ئالاھىدە مەززىلىك تائاملىرى ۋە مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى 1-ئايدا، تىجارەت كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ، مەززىلىك تائاملار يايما ئورنى تېخىمۇ كۆپ بولغان خوتەن يېڭى كەچلىك بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. مۇخبىرنىڭ خوتەن كەچلىك بازىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، خوتەن كەچلىك بازىرى خوتەن شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 260 نەچچە نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى