تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر قۇرمانگۈل خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاراماي-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بېلەت باھاسى 2000 يۈەندىن باشلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، قاراماي-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئايروپىلان تىپى G54909/10 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبىدە بىر نۆۋەتتىن قاتنايدۇ، بېرىش سەپىرىدە سائەت 17دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدە سائەت 19دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 20دە قارامايغا يېتىپ كېلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاقسۇ-قاراماي-كۆكتوقاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىمۇ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلىدىكەن، ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلان تىپى G54387/88 ئىكەن. ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، يەكشەنبە بىر نۆۋەتتىن قاتنايدىكەن، بېرىش سەپىرىدە سائەت 8دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 10دا قارامايغا يېتىپ كېلىپ، سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كۆكتوقايغا يېتىپ بارىدىكەن؛ قايتىش سەپىرىدە سائەت 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كۆكتوقايدىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايغا يېتىپ كېلىپ، سائەت 14تىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدىكەن.