تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوشماق تۇغقاننىڭ مول ھوسۇل خۇشاللىقى

يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق بازىرى كۆتەمە كەنتىدىكى 1600 مودىن ئارتۇق بۇغداينى ئورۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ھەممە يەردە مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

دېھقانلارنىڭ بۇغدايلارنى ۋاقتىدا ئورۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، قىيىنچىلىقى بار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەملەشتى.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن قوشماقلاشقان تۇغقان ھوشۇر نىياز ئالتە مو يەرگە بۇغداي تېرىغانىدى، بوۋاي-مومايلار يازلىق يىغىمدىن غەم قىلىۋاتقاندا، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەملەشتى.

قوشماقلاشقان تۇغقان ھوشۇر نىياز مۇنداق دېدى: «بۇ يىل سەككىز مو يەرگە بۇغداي تېرىغانىدىم، قوشماقلاشقان تۇغقىنىم ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغۇرۇش، بىر پۈركۈش ئارقىلىق ئۈچتىن مۇداپىيەلىنىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، بۇغداي دېنى توق، ھوسۇلى يۇقىرى بولدى، ئورۇلغاندىن كېيىن، سامان تايلاش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ تايلىنىپ، سىيىرلارنىڭ يەم-خەشەك مەسىلىسى ھەل بولدى» دېدى.

«بۇغداي ئورۇش سۈرئىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، كېيىنكى قەدەمدە ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى تېزلىتىشكە ئاساس سېلىپ، يازلىق يىغىم ۋە يازلىق تېرىمدا ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ئەلى ھەمدۇللا. (توقسۇ ناھىيەلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)

«شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى