تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

«41 مو يەرگە بۇغداي تېرىدۇق، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ماڭا ياردەملىشىپ سامان تايلاش ماشىنىسىنى ئالاقىلىشىپ بەردى. بىر باغلامنى يەنە 10 يۈەن ئارتۇق ساتقىلى بولىدۇ» دېدى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى داكاڭ كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقان ئابلەت ئابدۇرېشىت.

دېھقانلارنىڭ بۇغداينى تېزراق  ئورۇشىغا ياردەم بېرىش، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىرلەشمە كومبايىن، كۇپ شەكلىدە تايلاش ماشىنىسىنى ئىجارىگە بېرىشتىن تارتىپ، شوپۇر، رېمونتچىلارنى تەربىيەلەشكىچە، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى باشتىن ئاخىر پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇغداي ئورۇش نىسبىتىنىڭ 95 پىرسەنتكە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. (جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن جۇ بوجۇڭ تەمىنلىگەن)

«شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش