6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ليەنيۈنگاڭ ۋوگزالى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ جيەنمىن فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ بىلەن شۈجوۋنى تۇتاشتۇرىدىغان ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش رەسمىي باشلاندى. ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ غول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولۇپ، يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ليەنيۈنگاڭدىن شۈجوۋغا بېرىشقا پەقەت 40 مىنۇتلا كېتىدۇ.
6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ليەنيۈنگاڭ ۋوگزالى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)
6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇزۇن رېلىسنى توشۇيدىغان پويىز ئاستا-ئاستا ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ليەنيۈنگاڭ ۋوگزالىنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش مەيدانىغا كىرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)
6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ليەنيۈنگاڭ ۋوگزالى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ چۈن فوتوسى)