تىيانشان تورى خەۋىرى: «مەن ھازىر غاز بېقىش نۇقتىسىدا ئىشلەۋاتىمەن، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، غاز توپىنىڭ ئىچىدە يەنە ئائىلىمىزنىڭ 800 غېزى بار» دېدى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان ئەلى روزى.
چودا يېزىسى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تاغقا چىقىپ يېزىلارغا بېرىش، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىش، دەرەختە ۋە دەرەخ ئارىسىدا، توردا ۋە تور سىرتىدا» بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە غاز كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، ئورمانلىقتىكى مەركەزلىك باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرگە تايىنىپ قىلىنىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنى 4000 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.
چودا يېزىسى «دەرەخ ئارىسىدا ئاق غاز بېقىش، دەرەختە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۈتۈن يېزىدا تۆت باقمىچىلىق بازىسىنى تاللاپ بېكىتتى. باقمىچىلىق بازىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە غاز لاپىسى كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. غازنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، چودا يېزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەر، كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەر، كىرىم خەۋپ-خەتىرى بار ئائىلىلەرنى ئالدىن ئويلىشىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىم ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، باقىدىغان غاز سانىنى تەقسىم قىلدى.
«دەرەخ ئارىسىدا غاز بېقىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، كاتەكتە بېقىلغان غازلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى كىچىك بولىدۇ، ئەمما دەرەخ ئارىىسىدا ئەركىن بېقىلغان غازلار ھەرخىل ئوت-چۆپلەرنى يەيدۇ، مۇھىت ۋە ھاۋانىڭ سۈپىتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. غازلار كەڭ بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلغاندا، ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ ھەم يېتىلىشى ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غازلار ئوت-چۆپلەرنى قىغقا ئايلاندۇرۇپ دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىر دەرەخ ئارىسىدا غاز بېقىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇلتۇر ھەر مو يەردىكى ياڭاق 120 كىلوگرامغا يەتكەن، بۇ يىل ھەر مو ياڭاقتىن يەنە 80 كىلوگرام ئاشۇرۇپ ھوسۇل ئېلىش مۆلچەرلەنمەكتە. دەرەخ ئارىسىدا غاز بېقىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتا مەسىلە يوق» دېدى چودا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى فېڭ.