شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تانېش ماماۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كىرىباتى زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كىرىباتى 2019 - يىلى 9 - ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ يىل 1 - ئايدا، زۇڭتۇڭ ماماۋ جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىز مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، جۇڭگو بىلەن كىرىباتى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو - كىرىباتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماماۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كىرىباتى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.