تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 6 - ئايدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ جياڭنەن، خۇانەن، شىنەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈزبەردى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۆلىتىمىزدىكى كۆپ جايلار ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، بەزى رايونلاردا كەلكۈن ئەھۋالى ئېغىر، يېقىندا يەنە تەيفېڭ بورىنى كۆپ چىقىدىغان مەزگىل يېتىپ كېلىدۇ. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.