تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «قارار»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، زاپاس قىسىملار ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك قوماندانلىق سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قوش رەھبەرلىك قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىغا تەڭشىلىدۇ.

«قارار»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: زاپاس قىسىملار خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئارمىيە دېگەن ئارمىيە، ساقچى دېگەن ساقچى، خەلق دېگەن خەلق پىرىنسىپى بويىچە، زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى تەڭشەلدى.

«قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زاپاس قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئالمىشىشى، تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى