تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 92- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 92 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، نىزام چىقىرىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يۈكسىلىش بىرقەدەر تېز بولۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمى ياخشى بولغان تەدبىر - چارىلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ۋەكىللەر خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەكىللەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى باھالاش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئايدا 2020 - يىللىق ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پائالىيەتكە قاتنىشىش دائىرىسى ۋە كىشىلەر توپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بۇ پائالىيەتنى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىدىغان سۇپىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان رىشتىگە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى