تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى  ياۋ گاڭ  رېن جياڭ

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، «شىنجاڭنى سۆيۈش . يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېسىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرگە «شېئىر ۋە يىراق جاي»نىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

«ئۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە باردىم، يول تۈپتۈز، كەڭ ئىكەن، مەنزىرىسى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىكەن» دېدى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كۆكتوقاي ناھىيەسىگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە بارغان شى مىن كۆكتوقايدىكى شىجۇڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلغان چاغدا.

شۇ كۈنى، شى مىن بىلەن بىللە ساياھەتكە كەلگەنلەر ئىچىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىگە قاتناشقان 40 نەچچە ئاپتوموبىللىق 100دىن ئارتۇق ساياھەتچى بار بولۇپ، ئۇلار «ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىدە، چىڭگىل ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى.

«يول بويىدىكى مەنزىرىلەر بەك گۈزەل ئىكەن، ھەممىلا يەر مەنزىرىلىك ئىكەن.» 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بېيتۈنلۈك ساياھەتچى شۈ يى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مايتاغ - كۇچا تاشيولى بىلەن تىيانشان مەنزىرە رايونىغا كەلدى.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار بەس - بەستە بارىدىغان جايغا ئايلاندى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسىگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن ئاشتى.

بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بارلۇق تېغى، فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى، لۇجياۋۋەن قولتۇقى، تارباغاتاي تېغى، ياۋا مېۋە ئورمىنى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن لىق تولدى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 1000 ئادەمدىن ئاشتى.

زۇڭزا تۈگۈش، ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى تۈرلەردۇر، ھەرقايسى جايلاردىكى شەكلى ھەر خىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت كەچلىك بازىرى دۇەنۋۇ بايرىمىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى شۇ جايدىكى مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىشقا جەلپ قىلدى.

جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ئوتلاق شىچېڭ مەنزىرە رايونى زۇڭزا تۈگۈش ماھارىتى بويىچە چوڭ مۇسابىقىلىشىشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى زۇڭزا تۈگۈشكە، زۇڭزىغا ئېغىز تېگىشكە تەشكىللىدى، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتى 56 تۈرلۈك خاس مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى 180 تۈردىن ئارتۇق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلغان دۇەنۋۇ ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈللەر ئېچىلىپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى. گۈل تاماشا قىلىش، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش، قىسقا مۇساپىلىك ئىستىراھەت ساياھىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ باغچىسى نېلۇپەر گۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، بەس - بەستە ئېچىلغان نېلۇپەر گۈللىرىگە سۇ تامچىلىرى قوشۇلۇپ بەئەينى سېھىرلىك ئالەمگىلا ئايلانغانىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ رايونى شىرىن زىگۇۋ كەنتىدىكى يىنوڭيۈەندە 300 موغا يېقىن يەردىكى ئەتىرگۈللەر بەس - بەستە ئېچىلغانىدى، گۈل تاماشا قىلىش دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى.

ھەرقايسى جايلار يەنە قىسقا مۇساپىلىك، يېقىن ئەتراپتىكى ساياھەت لىنىيەلىرىنى بەس - بەستە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتەشۇئار كوچىسىدا تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى سەيلە قىلىش، قازانچى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت رايونىدا ئات ھارۋىسى «خادىك»قا ئولتۇرۇپ ئۆزگىچە تۇرالغۇلارنى ساياھەت قىلىشتىن ساياھەتچىلەر مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلدى؛ نارات ئوتلۇقىدا ساياھەتچىلەر يەنە «كۆكتىكى ئوتلاق»نىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندى.

بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر چۆچەك شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يېمەك - ئىچمەك كوچىسى كەچلىك بازىرىدا قېزىغا ئېغىز تەگدى، شۇنداقلا خوتەن شەھىرىنىڭ خوتەن كەچلىك بازىرىدا قېتىق زۇڭزىسىنىڭ تەمىنى تېتىدى، يەنە ئالتاي شەھىرىدىكى لەنۋەن كەچلىك بازىرىدا بېلىق كاۋىپى يېدى... بۇنىڭدىن سىرت، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈشنى ھېس قىلىشمۇ ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى تۇنجى تاللىشىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى