تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى يەر شارىۋى تورى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ جيې، ۋېي دۇڭخۇا

بېيدوۋ تورى تەشكىللەنگەندىن كېيىن قانداق ھەرىكەتلىنىدۇ؟ تۇرمۇشقا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ يېقىندا، بېيدوۋ يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا ئەگىشىپ، يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ئاسماندىكى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى تورىنىڭ تەشكىللىنىشى ھەمدە يەر يۈزىدىكى بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، بېيدوۋ تېخىمۇ كۈچلۈك فۇنكسىيەسى، تېخىمۇ ئەلا ئىقتىدارى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە مەدەت بېرىپ، پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىكەن.

ئاقىل «چوڭ مېڭە» باشقۇرۇش بىلەن ئالدىراش

   ھەر ۋاقىت توردا تولۇق قاپلايدۇ

بېيدوۋ يول باشلىشى ناھايىتى زور، مۇرەككەپ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئاسمان - يەردە تور تەشكىللەپ ماس ئايلىنىشى نەچچە ئون سىستېما، نەچچە ئون مىڭ يۈرۈش ئۈسكۈنىنى بىرتۇتاش تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا چېتىلىدۇ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ «بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىپ قوماندانلىققا بويسۇنۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، تېخنىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇقنىڭ باشقۇرۇش - كونترول قىلىش مەركىزى ئاقىل «چوڭ مېڭە»گە باراۋەر بولۇپ، بوشلۇق بۆلىكى بىلەن يەر يۈزى بۆلىكىنىڭ ماس يۈرۈشۈشى، يەر يۈزى ئانتېناسى بىلەن تۈرلۈك كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە يول باشلاش تېلېگرامما تېكىستىنى تەھرىرلەش، ئىزاھلاش قاتارلىقلارغا قوماندانلىق قىلالايدۇ.

بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى يول باشلاش سىستېمىسىنى يۇلتۇز - يەردە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىشچان نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن تور سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىز قوغلاپ ئۆلچىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەچچە ئون سىستېما، 10 مىڭدىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدە بىخەتەر قويۇپ بېرىش، ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈش ۋە مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسماندا يەر يۈزى رادارى، يەر يۈزى ئۆلچەش - تىزگىنلەش پونكىتى، دېڭىز ئۈستى ئۆلچەش پاراخوتى ھەمدە ئارىلىقتا ئۇلاش سۈنئىي ھەمراھىنى ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇق قاپلىغان ئۆلچەش - تىزگىنلەش تورى بەرپا قىلىپ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئالەم قاتنىشىنى ئۆلچەش - تىزگىنلىشىنى ھەر ۋاقىت توردا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاسمان - يەرنىڭ «ھەممىسىدە تور بار»

يەر ئۇلى كۈچەيتىلىپ ياردەم بېرىلىدۇ

ئاسماندا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى تورى تەشكىللىنىپلا قالماي، يەر يۈزىدە يەنە بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش سىستېمىسى ياردەم بېرىدۇ.

بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش سىستېمىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، 2014 - يىلى 9 - ئايدا تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشى قوزغىتىلغان، جۇڭگو قورال - ياراغ سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سىستېما قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بىر سىستېمىدا مېتىر دەرىجىسى، دېتسىمېتىر دەرىجىسى، سانتىمېتىر دەرىجىسى ۋە كېيىنكى بىرتەرەپ قىلىش مىللىمېتىر دەرىجىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇلازىمەت توپلاشتۇرۇلغان، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تۇنجى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، بۇ سىستېمىنىڭ 2500دىن ئارتۇق يەر ئۇلى كۈچەيتىش پونكىتىدىن تەركىب تاپقان بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش سىستېمىسى «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تور»نى شەكىللەندۈردى، سىستېمىنىڭ ئىقتىدارى چەت ئەللەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى سىستېما تېخنىكا سەۋىيەسىگە يەتتى.

2015 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو قورال - ياراغ سانائىتى گۇرۇھى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن مۇلازىمەت سۇپىسى − چيەنشۈن ئورۇن تورى چەكلىك شىركىتىنى شېرىكلىشىپ قۇردى، يۇقىرى ئېنىقلىقنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئالاقە تورى +» ۋە «بېيدوۋ +» تەرەققىياتىنى يۇغۇرۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇلازىمەت بۇلۇت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بېيدوۋ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋاقىت - بوشلۇق مۇلازىمىتىنى ئاممىغا يۈزلەنگەن، قولى يېتىدىغان، ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت بەرپا قىلىشقا كۈچىدى.

«بېيدوۋ ئېگىز بوشلۇققا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەربىر پۇقرا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ۋاقىت - بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەسى.» چيەنشۈن ئورۇن تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن جىنپېي مۇنداق دېدى: ئاسماندا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى سىستېمىسى بار، يەردە بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش سىستېمىسى بار، سۈنئىي ھەمراھ سىگنالىنى يەر يۈزىدە بەزىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيدوۋ يۇقىرى ئېنىقلىقتا ھەم بېيدوۋ ياردىمىدە تېز سۈرئەتتە ئورۇن بېكىتكەن ئابۇنىچى 500 مىليوندىن ئاشتى. ھازىر، جۇڭگو قورال - ياراغ سانائىتى گۇرۇھى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق رايون قىسقا خەۋەر ئەمەلىي قوللىنىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى چىڭ تۇتماقتا، بېيدوۋ يۇقىرى ئېنىقلىقى، قىسقا خەۋەر مۇلازىمىتى بىلەن 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىقلارنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«بېيدوۋ» پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە تېزدىن كىرىدۇ

ھەرقايسى ساھە ھەرقايسى كەسىپلەرنى ئېنېرگىيەگە ئىگە قىلىدۇ

تېز يەتكۈزۈلىدىغان ۋەيمەينى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىسپات ئېلىشىغا ياردەملىشەلەيدۇ، شەھەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى، قۇتقۇزۇشىغا قاتنىشالايدۇ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سانلىق مەلۇماتىدىن شەھەر ئىستېمال رايونىنىڭ جايلىشىشىنى تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ، تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سانلىق مەلۇماتى ۋە يول يۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يولىنى ئەلالاشتۇرالايدۇ...

جېجياڭدا، بىريۈرۈش بېيدوۋ بوشلۇقتا ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى ئاساسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىش ئەڭ ئاخىرقى بىر بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بارا - بارا رېئاللىققا ئايلانماقتا.

«تور تەشكىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بېيدوۋ بوشلۇقتا ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ قوللىنىلىدۇ.» خاڭجوۋ بېيدوۋ ۋاقىت - بوشلۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى چېن جېڭۋېي مۇنداق دېدى: بېيدوۋ ئاددىي ئورۇن بەلگىلەش ۋە ئالاقىلىشىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرى قاتلامدا ئەمەلىي قوللىنىش ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە تېخىمۇ كەڭ ئەمەلىي قوللىنىش بوشلۇقىغا ئىگە.

بېيدوۋ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بوشلۇقتا ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى ۋەيمەي ۋە تېز يەتكۈزۈشنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىغا بېيدوۋ يۇقىرى ئېنىقلىق ئورۇن بەلگىلەش مودېل گۇرۇپپىسى ئورنىتىلىپ، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتا يوللىنىشى ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يولدا يۈرۈش ئىزى ئەمەلىي ۋاقىتتا خەرىتىدە نامايان قىلىنىدۇ.

«خاتالىق پەرقى پەقەت سانتىمېتىر دەرىجىسىدە بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يولدىكى يۈرۈش ئەھۋالىغا ناھايىتى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئارقا سۇپىدا سانلىق مەلۇمات ھېسابلاش ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىگە، قائىدىگە خىلاپ توختىغان - توختىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ساھەنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە قېلىپلىشىشىغا يەتكىلى بولىدۇ» دېدى چېن جېڭۋېي.

بۇنىڭدىن باشقا، بېيدوۋ تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر، زور دېلو ياكى ھادىسە يۈزبەرگەندە ئىسپات ئېلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى كەلگۈسىدە يەنە شەھەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلگەندە، بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللارنى تېزدىن تېپىپ ياردەمچى قىلىدۇ.

بېيدوۋ يەر شارىۋى تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىشى يېپيېڭى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى. بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ چاڭفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋاقىت - بوشلۇق ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بېيدوۋ تېخىمۇ كۈچلۈك فۇنكسىيەسى، تېخىمۇ ئەلا ئىقتىدارى بىلەن پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى