تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۈرۈمچى: نىشانلىق دالىدا يۈگۈرۈش پائالىيىتىدە خۇشاللىقلار كۆپ

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دالا يولى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ مىن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، شىنجاڭ نىشانلىق تەنھەرىكەت مەخسۇس كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «2020-يىل . پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹يۇقۇم›دىن ‹قۇتۇلۇش›تىن باشلاپ تىرىشىش» نىشانلىق دالىدا يۈگۈرۈش پائالىيىتى شياۋلۈگۇ سۇ مەنزىرىسى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 نەچچە ماھىر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى، يەنە نۇرغۇن ماھىرلار بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ماھارەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بالىلىرىنى ئېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. شىنجاڭ نىشانلىق تەنھەرىكەت مەخسۇس كومىتېتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىشلىق تەنھەرىكەت جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نىشانلىق دالىدا يۈگۈرۈش بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك ماھارەت تەنھەرىكىتى، بۇ خىل يۈگۈرۈش مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلاردىن دالىدا يۈگۈرۈش ئىقتىدارى، شۇنىڭدەك خەرىتە پەرقلەندۈرۈش، مۇھىتنى كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

نىشانلىق دالىدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار ئادەتتە سول قولىغا كومپاس، ئوڭ قولىغا بارماق كارتىسى تاقاپ، نۇقتىغا كەلگەندە كارتا سۈركەيدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار باشلىنىش نۇقتىسىدا كارتا سۈركىمەكتە.

يولغا چىقىش ۋاقتىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر شۈ لىن 10 ياشلىق ئوغلى بىلەن يۈگۈرۈش يولى خەرىتىسىنى تەتقىق قىلماقتا.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقمايدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ۋەزىپە قىلىنغان لىنىيە خەرىتىسى بولىدۇ، ئەرلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ يۈگۈرۈش لىنىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دالا يولى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دالا يولى ئېقىن سۇلاردىن ئۆتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دالا يولى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار يۈگۈرۈش يولىدا دائىم يول خەرىتىسىگە قارايدۇ.

نىشانلىق دالىدا يۈگۈرۈش سەپىرىدە يول بويىغا نۇقتا جەدۋىلى ۋە قىزغۇچ ئاق ئىككى رەڭدىكى بەلگە ئېسىلغان كارتا سۈركەش نۇقتىسى ئورنىتىلىدۇ، ماھىرلار بۇ جايدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا كارتا سۈركىسە ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دالا يولى.

شۈ لىن 10 ياشلىق ئوغلى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى