تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جىڭ ناھىيەسىدە ئالقات پىشتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر گېرىلتۇ، ليۇ شىنجيا، چېن يوڭلياڭ): «كۆپچىلىك قاراڭلار، بۇ بىز يېڭىلا ھوسۇل ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالقات، ھەم چوڭ ھەم قىزىل» دېدى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قىپقىزىل ئالقات ئارىسىدا سۈرەتكە ئېلىپ تېلېفونغا قاراپ توختىماي سۆزلەۋاتقان ئالقات ئۆستۈرگۈچى سۇ جۈنمىڭ. ئۇ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ئالقات سېتىشىغا ياخشى ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، «ئالقات ماكانى» جىڭ ناھىيەسىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالقاتلار پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق توردا سېتىش دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.

  جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى يۇڭجىخۇ كەنتىدىكى ئالقات ئۆستۈرگۈچى سۇ جۈنمىڭنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 25 مو يەرگە ئالقات تېرىدى. «ھازىر ئۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالقات ئاپتاپقا سېلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا بازارغا سېلىنىدۇ، مېۋە شېخىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، بۇ يىلقى مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ھەر مودىن 800 كىلوگرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن» دېدى سۇ جۈنمىڭ.

  ئىلگىرى ئالقاتتىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدە، سۇ جۈنمىڭ سودىگەرلەرنىڭ كېلىپ سېتىۋېلىشىنى كۈتەتتى، بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالقات پىشىشى بىلەنلا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلىدا ئېتىزىدىكى ئالقاتلارنى تورداشلارغا تونۇشتۇردى. تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار ئايرىم سۆز قالدۇرۇپ ئالقاتنىڭ باھاسىنى سورىدى. «مەن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن، ساتىدىغان مال ياخشى بولسىلا، باشقىلارنىڭ ئالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ» دېدى ئۇ.

    ھازىر جىڭ ناھىيەسىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى 2300دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى 323كە يېتىپ، بۇ يىل ئالقات سېتىشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى، «ھازىر بارلىق دېھقانلار ئالقاتنى توردا سېتىشقا ئادەتلەندى ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولدى» دېدى جىڭ ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما شۇجۈن.

  ئىگىلىنىشچە، جىڭ ناھىيەسىدە 130 مىڭ مو يەرگە ئالقات تېرىلغان بولۇپ،  1000 مو ئورگانىك ئالقات بازىسى، 3500 مو  يېشىل ئالقات بازىسى، 1000 مو  «جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى»گە يەتكەن ئالقات بازىسى بەرپا قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى