6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز تاغ كۆلى بويى ئەتراپىدا ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چۇڭچىڭ فېڭدۇ ناھىيەسىنىڭ نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى دۇنيا تەبىئىي مىراسى ۋۇلۇڭ شيەننۈشەن تېغىغا قوشنا بولۇپ، ئىپتىدائىي ئورمان بامبۇكى، كارستلىق تىك يار، ئېگىزلىكتىكى قەدىمىي كۆل، بوستانلىق بىر گەۋدە قىلىنغان، مۇھىتى گۈزەل، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى مول. دېڭىز يۈزىدىن 2100 ~ 1500 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، يازدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغاچقا، بۇ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلەرنىڭ تومۇزدىن سالقىندايدىغان، ئىستراھەت قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ چەن فوتوسى
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۆل بويىدىكى ۋېلىسىپىت يولىدا ۋېلىسىپىت مىنگەچ تاماشا قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نەنتيەنتۇ كۆلى رايونىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئېگىز تاغ كۆلى مەنزىرە رايونىدا تاماشا قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەچكە شەپەق نۇرى ئاستىدا، ساياھەتچىلەر نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئەينەك كۆۋرۈك ئۈستىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەچكە شەپەق نۇرى ئاستىدا، ساياھەتچىلەر نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز تاغ كۆلى پىيادىلەر يولىدا تاماشا قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەچكە شەپەق نۇرى ئاستىدىكى نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز تاغ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدىكى نەنتيەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز تاغ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).