تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىنجاڭلىق ئەر-خوتۇن جياڭسۇدا ئەتىرگۈل تېرىشنى ئۆگىنىپ بېيىدى

شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا سىنغا ئېلىپ، شىنجاڭدىكى يۇرتداشلارغا پارنىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان). بۇ پارنىك مەخسۇس تور ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ياسالغان.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «گۈل-گىياھ ماكانى» بولغان جياڭسۇ شۇياڭ ناھىيەسىدە، شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن مىرزات ئۆمەر ۋە ئايالى زۆرەم تۇرسۇننىڭ «يىلتىز تارتىپ ئىلىم ئالغان»ىغا بىر يىلدىن ئاشتى، ئۇلار جاشيا بازىرىدا 20 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، ئەتىرگۈل تىكىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

    بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن مىرزات ئۇزۇن يىللىق گۈل سودىگىرى بولۇپ، 22 يېشىدىلا يۇرتىدا گۈل دۇكىنى ئاچقان، جەنۇبتىكى گۇاڭجوۋغا بېرىپ نۇرغۇن يىل گۈل-گىياھ توپ تارقىتىش سودىسىنى قىلغان. ئالتە يىل ئىلگىرى ئۇ داڭقىنى ئاڭلاپ شۇياڭغا مال كىرگۈزگىلى كېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تۇپراق بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى.

  «شۇ نەچچە يىلدا، مەن ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە بۇ يەرگە كېلىپ مال كىرگۈزدۈم، ھەر قېتىمدا يېرىم ئايچە تۇردۇم.» شۇياڭنىڭ گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ئىلغار تېخنىكىسى مىرزاتنى جەلپ قىلدى، ئۇ، بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلدى. يۇرتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىرگۈل تېرىش ئارقىلىق بېيىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تېخنىكىسىغا موھتاج ئىدى. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن، مىرزات شۇ جايدىكى شېرىكى بىلەن يېڭى ئىشىنى باشلىدى.

  تېخنىكا-پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىنىش، ئەتىرگۈل بېغىنى باشقۇرۇش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ «مال سېتىش»..... مىرزات ئەر-خوتۇننىڭ ھەر بىر كۈنى ئالدىراشلىقتا ئۆتتى، سودىسىمۇ خېلى ياخشىلاندى. ئۇلار جاشيا بازىرىنىڭ ئەتىرگۈل مايسىسىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، شۇنداقلا تېخنىكىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى، ئاممىۋى سۇپا ئارقىلىق يۇرتداشلارغا ئۆگەتتى. «بىر كىشىنىڭ بېيىشى باي بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بېيىسا ھەقىقىي باي بولغانلىق بولىدۇ.» بىر قىسىم يۇرتداشلار ھەتتا جاشيا بازىرىغا كېلىپ، مىرزاتقا ئەگىشىپ ئەتىرگۈل تېرىشنى ئۆگەندى. مىرزات مۇنداق تونۇشتۇردى، ئۇ ئالدى-كەينى بولۇپ شىنجاڭدىكى 500دىن ئارتۇق دېھقاننى ئەتىرگۈل تېرىشقا يېتەكلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن ئارتۇق نامرات ئاھالە بار بولۇپ، بەزىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. مىرزات تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىش كىرا ھەققىنى كۆتۈردى، ياتاق ۋە تاماقنى كۆتۈرگەندىن سىرت يەنە تۇرمۇش پۇلى بەردى. ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردە قالسىمۇ، شىنجاڭغا قايتسىمۇ، يەنە گۈل مايسىسى ۋە مەبلەغ قاتارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

  «مېنىڭ يۇرتۇم <بىر بەلباغ بىر يول>دا، ئىشلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ روناق تېپىشىنى، كەلگۈسىدە ئەتىرگۈللەرنى ياۋروپاغا سېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مىرزات كەلگۈسىگە ئىشەنچ باغلىغان ھالدا. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جى چۇنپىڭ فوتوسى

شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنى پەرۋىش قىلماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، زۆرەم تۇرسۇن (تۆۋەندىكى كىشى) شېرىكى خۇ تىڭتىڭ بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچقۇچىسى ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنى پەرۋىش قىلماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر (سولدىن بىرىنچى كىشى) خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا سىنغا ئېلىپ، شىنجاڭدىكى يۇرتداشلارغا پارنىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر (سولدىن بىرىنچى كىشى) خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن (ئوتتۇرىدىكى كىشى)، شېرىكى خۇ تىڭتىڭ بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر (سولدىن ئىككىنچى كىشى) خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن (سولدىن بىرىنچى كىشى)، شېرىكى سۈن دۇڭ (ئوڭدىن ئۈستىدىكى كىشى)، خۇڭ تىتىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا قوغۇنغا ئېغىز تەگمەكتە (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا سۇغۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر (ئوتتۇرىدىكى كىشى) ئۆزىنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا شىنجاڭدىن كەلگەن ئوسمان ئابدۇل (ئالدىدىكى كىشى)، ھاپىز قادىرغا پارنىك تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شۇياڭ ناھىيەسى جاشيا بازىرىدا، مىرزات ئۆمەر خوتۇنى زۆرەم تۇرسۇن بىلەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىق بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنى پەرۋىش قىلماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى