شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا چۈجىسى جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئەيشىخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدا تۇخۇمدىن يېرىپ چىقتى، جەنۇبىي رايوننىڭ دەل كەلكۈن مەزگىلىدە ئىكەنلىكىنى، قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا چۈجىسىنىڭ ئاسانلا باشقا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەتچى خادىملار قارامتۇل كۈل رەك تۇرنا چۈجىسىنى باشقا يەرگە يۆتكەپ قوغدىدى. ھازىر، ئالتە كۈنلۈك بولغان قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا چۈجىسىنىڭ ئېغىرلىقى 101.5 گىرامغا يەتتى، خىزمەتچى خادىملار بۇ چۈجىنى بىر ئاز يوغانغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا ئەكىلدىغان بولدى.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، جۇڭگودىكى تۈر توپىنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز ئىكەن، شەھەر باغچىلىرىدا تەبىئىي تۇغۇپ تۇخۇمدىن چىقىش مىسالى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن. (يۇ خۇيگۇڭ فوتوسى)