تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى بۇ يىل ئىچىدىكى تۇنجى ئۆرلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5.48 يۈەنگە ئۆسىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى) 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ چەك قويۇلغان پارچە سېتىلىش باھاسى ئۆسۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 120 يۈەن، دېزىل مېيىنىڭ باھاسى 110 يۈەن ئۆسىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.1 يۈەن ئۆسىدۇ. ماي باك سىغىمى 50 لېتىر كېلىدىغان ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل لىق بىر باك ماي قاچىلىغاندا ئىگىلىرىكىگە قارىغاندا بەش يۈەننى ئارتۇق چىقىم قىلىدۇ.

  بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەش ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تەييار ماينىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىغا چەك قويۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا 2020-يىلىدىن بۇيانقى تەييار ماي باھاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سېتىش شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 5.38 يۈەندىن 5.48 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.1 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 5.79 يۈەندىن 5.89 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.1 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 6.46 يۈەندىن 6.58 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.12 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  دېزىل مېيىنىڭ باھاسى جەھەتتە، 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 4.99 يۈەندىن 5.08 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.09 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ 35-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 5.54 يۈەندىن 5.64 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لېتىرنىڭ باھاسى 0.1 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي ئانالىز ئاپپاراتى لۇڭجۇڭ ئۇچۇرى تەييار ماي ئانالىزچىسى شۆ ۋېنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەشتىن كېيىن، 2020-يىللىق تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەشتە «بىر ئۆرلەش، ئۈچ چۈشۈش، سەككىز توختاش» ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، كېلەر قېتىملىق باھا تەڭشەش كۆزنىكى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدە ئېچىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى