شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2013-يىلىدىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى شيۇچيەن شەھىرى سىياڭ ناھىيەسى شاپتۇل ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 60 مىڭ موغا يەتكۈزدى، ھازىر 40 نەچچە خىل داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا سورت بار بولۇپ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە پىشقان شاپتۇللار بازارغا سېلىنىدۇ، يىللىق مەھسۇلاتى 100 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم شاپتۇل ئۆستۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2800دىن ئارتۇق تۆۋەن كىرىملىك دېھقان ئائىلىسى شاپتۇل ئۆستۈرۈش كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جى چۈنپېڭ فوتوسى
6-ئاينىڭ 19-كۈنى، سىياڭ ناھىيەسى لۇجى بازىرىدىكى شاپتۇل ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، باغۋەن شاپتۇل ئۈزمەكتە.
6-ئاينىڭ 19-كۈنى، سىياڭ ناھىيەسى لۇجى بازىرىدىكى شاپتۇل ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، باغۋەن ھوسۇل ئالغان شاپتۇللارنى كۆرسەتمەكتە.
سىياڭ ناھىيەسى لۇجى بازىرىدىكى شاپتۇل ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ساياھەتچىلەر شاپتۇل ئۈزمەكتە (6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).