تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇچقۇچى كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدەپ، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ يىخۇ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانى خېجىڭ ____ بايىنبۇلاقتا تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىدا تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملاپ، بايىنغولىننىڭ «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» يېڭى دەۋىرىنى ئاچتى. شىنجاڭ يىخۇ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولغا قويغان «خېجىڭ ____ بايىنبۇلاق ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى» تۈرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ «ساياھەت +» تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت كەسىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ خېجىڭ ناھىيەسىدىن يولغا چىقتى.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئويۇن قويغۇچىلار خېجىڭ ___ بايىنبۇلاق ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېجىڭ ____ بايىنبۇلاق ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىدا تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىنغان خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ قىياپىتى.