تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن ۋۇجيەن): نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇش جەريانىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى، ئۇنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.
غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ بازىرىدىكى خېپىڭ تەكىيە كاۋىسى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات، كۆچەت ئۆستۈرۈش، ئامباردا ساقلاش، سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىق كوپىراتىپى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ بىر نەچچە يىلدا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مېۋە، كۆكتات سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەزالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ھازىر، خېپىڭ تەكىيە كاۋىسى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 135 ئەزاسى، 200 زىيانسىز كۆكتات پارنىكى بار بولۇپ، ئەزالار يەر ئوبوروتى ئارقىلىق يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۈلۈك سۈپىتىدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇپ، ھەر يىلى پايدا تەقسىماتىدىن بەھرىمەن بولماقتا.
ياز پەسلى مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىش مەزگىلى. ھازىر، خېپىڭ تەكىيە كاۋىسى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كۈنى 10 توننىدىن 20 توننىغىچە تۈرلۈك كۆكتاتلارنى يىغىۋالىدۇ ھەمدە 20دىن ئارتۇق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدا ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. كۆكتات ئۈزۈش، ئايرىشتىن تارتىپ ئوراپ قاچىلاشقىچە بولغان ھەر قايسى ھالقىلاردا نۇرغۇن ئادەم كۈچى كېتىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى خۇاڭ چۈەنجۈن كۆكتاتلارنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن ئاپتوموبىلغا قاچىلاشقىچە بولغان خىزمەتكە مەسئۇل بولۇپ، بىر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ.
بۇ ئىككى يىلدا، خېپىڭ تەكىيە كاۋىسى تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى زاكاز يېزا ئىگىلىكىنى مېۋە-كۆكتات سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بىر تەرەپتىن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا تايىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن ماسلىشىپ، سېتىشتىكى ئوتتۇرا ھالقىنى قىسقارتىپ، مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.