تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يەنجى، «دېڭىز ساھىلى شەھىرى»، نېمىدېگەن گۈزەل

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گې ۋېنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ساياھەتتە بولغان بۇ بىر نەچچە كۈندە، ساياھەتچىلەر بۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرە، مەززىلىك تائاملارغا مەپتۇن بولۇپ قالدى.

سەھەردە قۇياش ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، نۇرلىرىنى چېچىشقا باشلىدى.

قارا ئاققۇلار كۆلدە ئۈزۈپ ئوينىماقتا.

شەپەق ئاستىدىكى كۆل ۋە راۋاق.

كۆۋرۈك ئاستىدىكى كۆلنى ئايلىنىدىغان ئىككى يولدا گۈل-گىياھلار چىرايلىق تۈسكە كىردى.

يولنىڭ چېتىدە توققۇز ئەگمىلىك لوڭفېڭ كۆۋرۈكى بار.

لوڭفېڭ كۆۋرۈكىگە چىققاندا، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارمۇ يۇپۇرۇلۇپ كېلىدۇ.

كىشىلەر شەپەق نۇرىدا رومانتىك ئۇچرىشىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ھەر قېتىم كېچە پەردىسى يېيىلغاندا، بۇ يەردە بىر مەيدان كاتتا زىياپەت بولىدۇ.

قەدىناس دوستلار بۇ يەردە جەم بولۇشۇپ، كۆڭۈللۈك مۇڭدىشىدۇ.

سىز ئامراق ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار.

يەنجى لەڭپۇڭى يىراق-يېقىنغا داڭلىق.

توخۇ كاۋىپىنىڭ نەچچە تاللا ئېشىپ قېلىشى ئۇنىڭ تەمىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

كۆڭۈللۈك تاماقتىن كېيىن كۆلنى سەيلە قىلىش.

گۈزەل قارا ئاققۇلارغا سالام قىلىش.

كۈندۈزى كۆلنى ئايلانغاچ سەيلە قىلىش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك-ھە!

كەچتە يەنە شەپەق بىلەن تەڭ ئۆيگە قايتىپ، چۈش قوينىغا ئەسىر بولىسىز.

يەنجى، «دېڭىز ساھىلى شەھىرى»، نېمىدېگەن گۈزەل!

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى