تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ، ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15 بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، چىن پېڭ، پىراكتىكانت ما زىچيۇڭ)بۈگۈن(6-ئاينىڭ 29-كۈنى) جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق ياكى سىم-سىم يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 5-6 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، 7-8 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10-11 بالغا يېتىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5-6 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12 بولىدۇ، 5~6 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ.

    بۈگۈن 9 بالدىن 10 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى(ئۆتكۈنچى شامال 11 بال)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىن-تيېچاڭگوۋ يولى بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىكى قار-شىۋىرغانلىق شامال رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى