تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لىنىيە بازارغا ئەگەشتى توشۇش ئىقتىدارى ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلىدى

شىنجاڭ تۆمۈريولى يۈك توشۇش تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ئالدىنقى بەش ئايدا يۈك توشۇش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشتى −

لىنىيە بازارغا ئەگەشتى توشۇش ئىقتىدارى ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن چىقتى، بۇ، بۇ يىل ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان، كىرگەن 2000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 52 كۈن بۇرۇن بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 69 مىليون 770 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشتى. بۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزىنىڭ كەينىدىكىسى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، يۈك توشۇش تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلەتكەنلىكى»نىڭ نەتىجىسى.

توشۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆمۈر توشۇش كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا توشۇشتىكى مۇھىم تەرەپ.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريولى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ «سېتىلىشقا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش» يېڭى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىن 14نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يەتتە نۇقتىلىق رايون، 43 نۇقتىلىق كارخانىغا قارىتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە يۈك مەنبەلىرىنىڭ توشۇلۇش يۆنىلىشىنى ئىگىلىدى؛ مەيداندا تۇرۇشلۇق خېرىدارلارنىڭ ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئېھتىياجلىق تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، مال بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. زاكاز ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر توشۇش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كۆمۈرنى تېزدىن توشۇپ چىقاردى.

يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى جياڭجۈنمياۋ ئايلانما لىنىيەسىدە، مەشغۇلات ئىشچىلىرى كۇنۇپكىنى يېنىك باستى، كۆمۈر ئاقما ئىسكىلاتتىن چۈشمەكتە ئىدى، پويىز بىردەم توختاپ، بىردەم مېڭىپ تۇراتتى، 45 مىنۇت ئەتراپىدا، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىزغا قاچىلىنىپ بولدى.

«بىز ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا يېڭىدىن توشۇش ۋوگزال - نۇقتىلىرىنى كېڭەيتتۇق، 4 - ئايدا جياڭجۈنمياۋ ئايلانما لىنىيەسىنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنى تۆتكە كۆپەيتىپ، قاچىلاش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭغا كۆمۈر توشۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يۈك توشۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يې شياۋجۈن.

شىنجاڭ ئىچىدە كۆمۈر توشۇشنى زورايتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى پائال كېڭەيتىپ، خېشى كارىدورى، چېڭدۇ - كۇنمىڭ يۆنىلىشىدىكى كارخانىلارنىڭ توشۇش ئېھتىياجىنى نۇقتىلىق كۆزلەپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا كۆمۈر توشۇيدىغان مەخسۇس پويىزنىڭ قاتنىشىنى پائال تەشكىللىدى. 5 - ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇغان كۆمۈر 6 مىليون 678 مىڭ 200 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.04 ئاشتى.

يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر توشۇشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بازارنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قېزىلما بايلىقى مول، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ كۆكتوقاي بۆلىكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئىككى لىنىيەدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن پويىزدا مېتال مىنېرال ماددىلارنى توشۇشنى تەشكىللىدى. ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، 5 - ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇغان مېتال مىنېرال ماددا 1 مىليون 806 مىڭ 500 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.39 ئاشتى.

مېتال مىنېرال ماددىلارنىڭ بازار ئېھتىياجى ئاشقاندىن باشقا، بۇ يىل پاختىغا بولغان ئېھتىياجمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سالماقنى زورايتىپ پاختا توشۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى ئاشۇردى.

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، كۈيتۈن بىڭتۇەن پاختىسى مەخسۇس لىنىيەسىدە، ئونغا يېقىن قىسىپ قاچىلاش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا پاختىنى پويىزغا قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. «يېقىنقى مەزگىلدە پاختا توشۇش مىقدارى ئاشتى، بىز پويىزغا قاچىلاش داۋامىدا پويىزلارنى ۋاقتىدا جايىدا تەقسىملەپ، يۈكنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى كۈيتۈن يۈك توشۇش مەركىزى ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ ماركېتىڭ دىرېكتورى جاڭ يۆ.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريولى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پاختا سودىسى بازارلىرى، ھەرقايسى ئاممىۋى تەكشۈرۈش ئامبارلىرى، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، سودىگەرلەر ۋە ئارىلىق ئەشيا ئوبوروتى سودىگەرلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئاممىۋى تەكشۈرۈش ئامبارلىرىدىكى پاختا خېرىدارلىرىنىڭ توشۇش پىلانى ۋە توشۇش يۆنىلىشىنى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە ئىگىلەپ، خېرىدارلارنىڭ توشۇپ يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكى، تۈركۈم - قېتىمى، مىقدارى قاتارلىقلارغا بولغان ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خېرىدارلارغا ماس كېلىدىغان خاسلاشتۇرۇلغان ئەشيا ئوبوروتى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزدى. 5 - ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ پاختا توشۇش مىقدارى 634 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %312.83 ئاشتى.

توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇش

يۈك بولغان ئىكەن، يەنە توشۇيدىغان پويىز بولۇشى كېرەك، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پويىزلارنىڭ ئايلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈركۈم - تۈركۈم يۈكنى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىغا ھەم خەلقئارا بازارغا توشۇدى.

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھاۋا ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق زالىدا، خىزمەتچى خادىملار پويىزنىڭ ۋوگزالغا كىرىش - چىقىشىغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى، خادىملارنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى... «قىزىقلىق دەرىجىسى» زال سىرتىدىكىدىن قىلچە قېلىشمايتتى.

«27118 - قېتىملىق يۈك پويىزى 2 - مەيدان 6 - يولدا توختىسۇن.» ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ما چېڭ سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى ئېلىپ بۇيرۇق بېرىپ، پويىزنىڭ ۋوگزالغا كىرىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەشغۇلات نەق مەيدانىغا خىزمەتچى خادىملار مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىپ بولغانىدى، يۈك پويىزلىرى مۇقىم توختىغاندىن كېيىن، بەزىلىرى پاراۋۇزنى ئالماشتۇرۇۋاتقان، بەزىلىرى پويىزنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە ئىدى.

80 مىنۇتتىن كېيىن، پويىز قېتىمى ئالماشتۇرۇلغان ئەسلىدىكى 27118 - قېتىملىق يۈك پويىزى يولغا چىقىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، قومۇلغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.

بېشىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتقا قاراپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى يۈرۈشتۈرۈش سېخىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى لۇ گوخۇڭ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ: «80 مىنۇت، بىز بۇلتۇرقى ئاساستا يۈك پويىزلىرىنى ئوتتۇرا يولدا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئون مىنۇتقا يېقىن قىسقارتتۇق».

ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى، ھەر كۈنى پۈتۈن شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى يۈك توشۇيدىغان پويىزنىڭ %80ى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدۇ ياكى گۇرۇپپىلاپ توشۇيدۇ. بۇ يىل بۇ ۋوگزال توشۇشنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پويىزلارنىڭ ئايلىنىش نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا ئۆستۈردى.

شىنجاڭ تۆمۈريولى يەنە پورت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «كۆپ توشۇش، تېز يۈرۈش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«پورت تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، ۋاكالەتچى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش <يۇقىرى سۈرئەتلىك يول>ىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى ليۇ چۈەنمىن.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرگەن، چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1669 قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.43 ئاشتى؛ قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرگەن، چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1401 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.31 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى