تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

بۇ يىلقى دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مول رەڭدار كېچىلىك پائالىيەتلەر بازارنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى، شۇنداقلا بايراملىق دەم ئېلىشنى يېڭىچە «ئېچىش ئۇسۇلى» بىلەن تەمىنلىدى.

كەچلىك بازارلار قىزىدى، كىشىلەر مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى

يېمەك - ئىچمەك كېچىلىك ئىقتىسادتىكى ئۆزگەرمەس باش رولچى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى قۇياش غەربكە پېتىپ، تومۇز ئىسسىقى ئاستا - ئاستا پەسەيدى. خوتەن شەھىرىنىڭ خەلق غەربىي يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان خوتەن كەچلىك بازىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى.

كەچلىك بازاردا خېرىدار توۋلىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سارغىيىپ پىشقان يۇلغۇن كاۋىپى، تاتلىق، خۇشبۇي قېتىق زۇڭزىسى، مەززىلىك ھىدى تارقىلىپ تۇرغان تونۇر كاۋىپى... ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلاتتى.

«نېمە ياخشى، نېمە ياخشى ھوي، خوتەن كەچلىك بازىرى ياخشى...» سائەت 21دە، كەچلىك بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەھنىدە ناخشا ساداسى ياڭرىدى، سەنئەت ئۆمىكىدىكى كېلىشكەن يىگىتلەر، چىرايلىق قىزلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى... ساياھەتچىلەر دەرھال چۆرىدەپ كېلىپ، بەس - بەستە يان تېلېفونلىرىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى.

دۇەنۋۇ بايرىمىدا، ئەلۋەتتە زۇڭزا يېيىش كەم بولسا بولمايدۇ. قەيسەر تۇرسۇنتوختىنىڭ قېتىق زۇڭزىسى يايمىسى ئالدىدا، مەززە قىلىپ يېيىشنى ساقلاپ تۇرغان مېھمانلار ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى، مەززىلىك قېتىق زۇڭزىسى مېھمانلارنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو شۆدۇ خوتەن كەچلىك بازىرى رەسمىي ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، بايرام كەيپىياتىغا تولغان كەچلىك بازار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. ساياھەتچىلەر كەچلىك بازارنى ئايلاندى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، كېچە مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

قېتىق زۇڭزىسى يايمىسىدا، يايمىچى ئابدۇللا سۇپۇر ماسكا تاقاپ، قومۇش يوپۇرمىقى بىلەن تۈگۈلگەن زۇڭزىنى ئېچىپ تەخسىگە قويدى، ئاندىن قېتىق، ئەنجۈر مۇرابباسى، بېھى مۇرابباسى قۇيۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا شېكەر قىيامى قۇيدى... بىر تەخسە چۈچۈمەل تاتلىق، تېتىملىق قېتىق زۇڭزىسى تەييار بولدى. «بۈگۈن دۇەنۋۇ بايرىمى، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا 100 نەچچە كىشىلىك قېتىق زۇڭزىسى ساتتىم، ئالدىراش يۈرۈپ پۇل تاپقاندىكى تۇيغۇ بەك ياخشىكەن!» دېدى ئابدۇللا.

بارغانسېرى قاراڭغۇ چۈشۈپ، ھەرقايسى يايمىلار مېھمانلار بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، بىرلىكتە تىنچ - ئىناق بولغان بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن قەدەھ كۆتۈردى.

كېچىدە سودا ساراي - تاللا بازارلىرى تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتتى

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ كېچىلىك ئىقتىسادتىن ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى − خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى مال سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. تاماقتىن كېيىن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ كېچىلىك سودا قىلىدۇ.

«مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ كېچىلىك تىجارەت ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزاردى، يەنە ناھايىتى ئېتىبار قىلىپ باھا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، بىز بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋېلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز» دېدى شەھەر ئاھالىسى مېڭ يۈشەن.

كۆلىمى 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى سانجى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىۋېلىش، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش ئىستىراھەت تۈرىدىكى شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى. ئىستېمالنى قوزغىتىش، كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، دۇەنۋۇ بايرىمى كۈنى، بۇ مال سېتىۋېلىش مەركىزى تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، باھانى چۈشۈرۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. «دۇەنۋۇ بايرىمى كۈنى، مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە خېرىدارلارنىڭ ئېقىم مىقدارى 38 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى» دېدى خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى شى يىنلاڭ.

كېچىلىك ساياھەت، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش كۆپ مەنبەلەشتى

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 20دە، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى − كورلا شەھىرى ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى كېچىلىك ساياھەتنىڭ كىچىك يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

ئاستا - ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ، ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى دەريا بويىنى بويلاپ چىراغ نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان ئاققۇ دەرياسىدىن ھۇزۇرلاندى. يەنە ئاز بولمىغان ياش يان تېلېفوننى ئېلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا گۈزەل نەشپۈت شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تونۇشتۇردى.

شەكلى ئوماق، ئىقتىدارى تولۇق بولغان كۆچمە تاماق ھارۋىلىرى ساياھەتچىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى قولايلىق، تېز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كېچىدىكى ئاققۇ دەرياسىنى «تاماق ھىدى» بىلەن تولدۇرۇۋەتكەنىدى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، ماناس ناھىيەسىدىكى ئۈزۈم ھارىقى باغچىسىنىڭ لازېر نۇرلىق سۇ ئۇسسۇلى كۆزگەزمىسى يەنە باشلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە يەرلىك ئاھالىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل سۇ مەنزىرىسى ۋە چىراغ نۇرى ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان گۈزەل كۆرۈش سېزىمى زىياپىتى ئاتا قىلدى.

دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ليۇ جىيۈەن دوستلىرى بىلەن ماناسقا ساياھەتكە كەلدى. «كۈندۈزدە سۇلۇق يەرنى سەيلە قىلىپ گۈل دېڭىزىنى تاماشا قىلساق، كەچتە ئېسىل ھاراقلارنى تېتىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق، ماناس بەك گۈزەل ئىكەن» دېدى ليۇ جىيۈەن.

«ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كېچىلىك ساياھەت قىلىش، كېچىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ماناس ناھىيەسى سۈيلەي باغچىسى، ئۈزۈم ھارىقى باغچىسى ۋە شىخەي باغچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ باش تېمىلىق باغچىنى ئېچىۋەتتى. بۇ باغچىلارنىڭ مۇھىتى گۈزەل، مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئاھالىلەر كېچىدە ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىش، ئىسسىقتا سالقىنداش ئۈچۈن چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى» دېدى ماناس ناھىيەلىك باغ - ئورمان، كۆچەت، گۈل - گىياھ كەسپى ئىدارىسىنىڭ كادىرى چېن يابىن.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يۇجۈن، جاڭ تىڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شۇاڭ، دۇڭ شىجۈ، چېڭ شىلىن، جاۋ بېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى