تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

توردا، تور سىرتىدا ئىستېمال ئاشتى، مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا قەدەم باستى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

زۇڭزا يېيىلدى، خۇش پۇراق خالتا ئېسىلدى، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇلار دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەسىللىك تاۋار ئىستېمالى كۈچەيدى، ئۆرپ - ئادەت بويىچە بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا قەدەم باستى، ئەنئەنىۋى بايرام دەۋر يېڭى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

زۇڭزىنىڭ مەززىلىك ھىدى تارالدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا قەدەم باستى

ئۈچ كۈنلۈك دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىشتا، شاڭخەي شەھىرى ئاھالىسى شۈ خەيچىڭ كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولدى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاشتا چوقۇم تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك زۇڭزا تەبىئىيلا كەم بولسا بولمايتتى. «دۇەنۋۇ دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ جەم بولۇشىغا ماس كېلىدىغان، ئۆزئارا ئامان - ئېسەنلىك تىلىشىدىغان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى بايرىمى» دېدى شۈ خەيچىڭ.

ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغاچقا، داڭلىق زۇڭزا مەھسۇلاتلىرى توردا، تور سىرتىدا ياخشى سېتىلدى، شاڭخەينىڭ شەھەر رايونىدىكى دۇكانلارنىڭ سىرتىدا ئىستېمالچىلار تەرتىپلىك ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا سېتىۋېلىش سۇپىلىرىدا تورداشلار بىر تەرەپتىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر تەرەپتىن «تالىشىپ سېتىۋالدى».

شىڭخۇالوۋ يېمەكلىك، يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جى جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇەنۋۇدا ئېھتىياجغا ئاساسەن 3 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق زۇڭزا ئىشلەپچىقاردۇق، مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلاندى. سۈپەتلىك، ئەرزان خالتىلىق زۇڭزا ياخشى سېتىلىپلا قالماي، باھاسى 150 نەچچە يۈەندىن 250 نەچچە يۈەنگىچە بولغان سوۋغات قاپلىق زۇڭزىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

«يۇقۇمنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ساغلاملىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، يېمەكلىك، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار توردىن سېتىۋېلىشقا كۆنۈپ قالدى» دېدى جى جىڭ.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، تاۋباۋنىڭ تيەنماۋ سۇپىسىدا زۇڭزىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %153 ئاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، نومى گۈرۈچى، زۇڭزا يوپۇرمىقى قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، يەنە «ئۆزلۈكىدىن ئىسسىيدىغان» زۇڭزا، «سۈنئىي گۆش» زۇڭزىسى قاتارلىق يېڭى تۈرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىمۇ قالتىس جانلاندى. شاڭخەي خۇەنلېگۇدىكى «<زۇڭزا> شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئەنئەنىۋى چۆگۈنگە چوكا تاشلاش پائالىيىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى؛ شاڭخەي خەيچاڭ دېڭىز - ئوكيان باغچىسىنىڭ يۇلتۇزلۇق كېچە مەيدانى قايتا جانلاندى. شىئەندە، داتاڭ كېچە بولماس شەھەر پىيادىلەر كوچىسىدا، ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى قول سېلىپ پىشۇرغان ماش تورتىنى يېگەچ «تاڭشىنۈ»لەر ئورۇنلىغان ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆردى؛ دامىڭگۇڭ دۆلەت خارابىسى باغچىسىدا، كىشىلەر تاڭجۇاڭ كىيىپ، شيۇڭخۇاڭ سۈركەپ، لىڭجياۋ باغلىدى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.

ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. چۈ يۈەننىڭ يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسى زىگۈي ناھىيەسىدە، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، ئېگىر كېسىش، شېئىر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تور سىرتىدىكى ئادەملەر توپلاشقان مەنزىرىدىن پەرقلىق ھالدا، «2020 - يىللىق چۈ يۈەن يۇرتىدىكى دۇەنۋۇ مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ يۇپۇقى «بۇلۇت»تا ئېچىلدى. «چۈ يۈەننىڭ يۇرتى بۇلۇت كۆرگەزمە سارىيى»نىڭ بېتىگە كىرىپ، سىن ئۇلانمىسىنى چېكىپ ئاچقاندا، تاماشىبىنلار خۇددى «چۈ يۈەننىڭ يۇرتىدىكى دۇەنۋۇلۇق تاۋاپ قىلىش» مۇراسىمى نەق مەيدانىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

كېسەللىك تۈگىتىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدى ئېلىندى، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش خاتىرجەملىككە تولدى

شىئەننىڭ شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان يەنتا پاختا تالاسى رەسىمى ياساش ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى جاڭ باۋلەن داتاڭ كېچە بولماس شەھەر پىيادىلەر كوچىسىدىكى بىر كۆرگەزمە سۇپىسىدا ساياھەتچىلەرگە خۇش پۇراق خالتىنى قانداق ياساشنى كۆرسەتتى. «زەھەر ھەيدەش، يامانلىقتىن ساقلاش دۇەنۋۇ مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، <دۇەنۋۇ كەلسە، بەش زەھەر يوقايدۇ>، شۇڭا كىشىلەر خۇش پۇراق خالتىسى ئېسىۋالىدۇ».

ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كىشىلەر كېسەللىكنى تۈگىتىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ماسكا تاقاش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ئارىلىق ساقلاش، ئايرىم تاماق يېيىش قاتارلىق يېڭى ئادەتلەر دۇەنۋۇ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن ماسلاشماقتا.

چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى دۇ گاڭ شىئەن ئاشخانىسىغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى. ئاشخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن كودنى سىكاننېرلاپ تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىشى، دۇكاندىكى قاچا - قۇچىلارنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىشى، تاماقلانغاندا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئۇنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى. «ئىنچىكە بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كىشىگە <يۇقۇم>غا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى، تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايىتى خاتىرجەملىككە تولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدىكەن» دېدى دۇ گاڭ.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە A دەرىجىلىك 10 مىڭ 64 ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى «چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش»تا چىڭ تۇردى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمىدى. شاڭخەيدە، 100دىن ئارتۇق دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش»نى دائىملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. خۇبېيدا، مەدەنىيەت ساياھىتى مەيدان سارايلىرى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا تۈزۈپ چىقتى. مەسىلەن، خۇبېي ئۆلكىلىك كۇتۇپخانا كىتابلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قايتۇرغان ۋە ئارىيەت ئالغان كىتابلارنى قاتتىق ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە قىلدى.

ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىڭخۇالوۋنىڭ شاڭخەيدىكى دۈملىمە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر زۇڭزا يوپۇرمىقىنى ماھىرلىق بىلەن قاتلاپ، ئىچىگە نومى گۈرۈچى، يېڭى گۆش قاتارلىقلارنى سېلىۋاتاتتى...

جى جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، سېختىكى مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ سانىنى ئازايتتۇق، ئەسلىدە ئىككى ئادەم بىر سۇپىنى ئورتاق ئىشلىتىشنى بىر ئادەم بىر سۇپىنى ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا يېتەرلىك ئارىلىق قالدۇردۇق. «بۇ يىل زۇڭزا بازىرىدا ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئەمما سېختا بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، شۇڭا زاۋۇت مۇددەتتىن بۇرۇن پىلان تۈزۈپ، زۇڭزا ئىشلەپچىقىرىشتا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويدى».

خۇبېي مەدەنىيەت ساياھىتى بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، مېھمانساراي لازىمەتلىكلىرى، پەسىللىك سوۋغاتلار خەنكوۋنىڭ شىمالىدىكى «ئاقىل بازار»دا دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدىغان سودا تۈرىگە ئايلاندى، تىجارەتچىلەر تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىش، ساغلاملىق شىفىرىنى تەكشۈرتۈش قاتارلىق قاتتىق تەرتىپلەردىن كېيىن، بازارغا كىرىپ سودا قىلىدۇ.

«تەتۈر شامالغا قارشى» ئالغا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچ قوشتى

شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونىدىكى بىر كەچلىك بازاردا، رەڭدار گۈرۈچ زۇڭزىسى، جۈنگۇ قاتارلىق يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن جۇاڭزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «كۆزنى چاقنىتىپ مەيدانغا چىقتى»، بۇ مەھسۇلاتلار نۇرغۇن قېتىم «ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدە ياخشى سېتىلغانىدى. شاڭخەي شەھىرى ئاھالىسى ليۇ دو رەڭدار گۈرۈچ زۇڭزىسىنى ئىنتايىن ياقتۇردى، بۇ ھەم بىزنىڭ «كۆك - تاق»ىمىزنى موللاشتۇرىدىكەن، ھەم شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ «ئاشلىق خالتىسى»نى تولۇقلايدىكەن، ئەلۋەتتە «چوقۇم سېتىۋالىمەن».

ۋېنشەن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن جېڭۋاڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ يۈننەنگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، شۇ جايدا مەبلەغ سېلىپ سۇغىرىش ئېرىق - ئۆستىڭى، سۇغىرىش تۇرۇبا تورى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى پۇختىلاشتىن تارتىپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى، توڭلىتىش ئىسكىلاتىنى قۇرۇپ 2 - كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يەنە بۈگۈنكى كۈندىكى بىۋاسىتە سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ 3 - كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە بولغان مەزگىلدە، شاڭخەي بىلەن يۈننەننىڭ ئىقتىسادىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئوخشاش چاستۇتىلىق رېژونانىس» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىمىز. بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىمىز» دېدى ئۇ.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 17 مىليون 276 مىڭ ئادەم قېتىم دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسى كۈتۈۋېلىنىپ، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 4 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. شيېچېڭ ساياھەتچىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېڭ لياڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: شيېچېڭ سۇپىسىنىڭ دۇەنۋۇدىكى زاكاز تالونى 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن يەنە ئاشتى. كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ قالمىدى، بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى غايەت زور بازار ئېھتىياجى ئاساسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

پۇقرالار ياقتۇرىدىغان تور يېڭى ئىقتىسادى تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. دۇەنۋۇ يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئەمدىلا يېپىلغان، تۇنجى قېتىم «بۇلۇت تېرمىنالى»غا تولۇق چىقىرىلغان جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى(گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى)نىڭ بۇلۇت سۇپىسى 217 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى. كېلىش مەنبەسىنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى، بۇلۇتتا مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، بۇلۇتتا توختام ئىمزالاش قاتارلىق ئىجادىي ئەندىزىلەرمۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو كەسىپ تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يۈ ديەنفەن مۇنداق تەھلىل قىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ تور يېڭى ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلۈك كەسىپلەرگە قۇۋۋەت قوشتى، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئەسلىگە كېلىپ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سىجىل كۈچ قوشتى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا بەلگىلىك ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پەقەت بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن پالاق ئۇرساقلا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەجدىھا كېمىسى چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى ئېقىنغا يېتەلەيدۇ.

(مۇخبىرلار چېن ئەيپىڭ، لياڭ جيەنچياڭ، سەي شىنيى، ۋاڭ شياۋدەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى