6-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان سىجىنلاسو كۆلىنىڭ مەنزىرىسى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: سىجىنلاسو كۆلى شىزاڭ لاسا شەھىرىنىڭ موجۇگۇڭكا ناھىيەسىگە جايلاشقان، تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 4500 مېتىر ئېگىز. ھەر يىلى ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە، كۆل بويى تاغ گۈللىرى بىلەن قاپلىنىپ، يېشىللىققا پۈركىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى
ساياھەتچىلەر سىجىنلاسو كۆلى بويىدىكى گۈللۈكتە سەيلە قىلماقتا (6-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
بۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان سىجىنلاسو (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).