تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپىيىپ قالدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گاڭ لىچياڭ خەۋىرى): «ياۋا توڭگۇز، ياۋا توڭگۇز!» ئابدۇساتتار قارىغاي ئۇۋىسىدىكى بۇ جانۋارلارنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. بۇ فۇكاڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمان رايونىدا 28 يىل ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئابدۇساتتارنىڭ تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا ياۋا توڭگۇزنى كۆرۈشى ئىدى.

    يېقىندا، بۇ كۆرۈنۈش شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ داگودى ئازگىلىدا يۈز بەردى، بۇ ئابدۇساتتار مەسئۇل ئورمان رايونى ئىدى.

    «بۇ ياۋا توڭگۇز ئۇۋىسىغا 20 نەچچە مېتىر كېلىدىغان يەرگە كەلگىنىمدە، يوغان بىر مەخلۇق شاختىن سەكرەپ چۈشۈپ قېچىپ كەتتى. ئاستا يېقىنلىشىپ، بىر ئۇۋا ياۋا توڭگۇز كۈچۈكىنى كۆردۈم.» دېدى ئابدۇساتتار. «قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مەخلۇق چوقۇم مېكىجىن، ئۇۋىغا بەكرەك يېقىنلىشىشتىن قورقتۇم، چۈنكى مېكىجىن يېقىن ئەتراپتا مېنى كۆزىتىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ كۈچۈكىگە چېقىلسام، ئۇ چوقۇم ماڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇڭا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىۋېلىپقا كېتىپ قالدىم.»

    ئابدۇساتتارنىڭ تارتىۋالغان سىن كۆرۈنۈشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياۋا توڭگۇز كۈچۈكى توشقانچىلىك چوڭلۇقتا ئىدى. تۈكى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قارا سىزىقچىلىرى بار، يېتىلگەن ياۋا توڭگۇزنىڭ كۈل رەڭ تۈكىدىن خېلى پەرقلىنەتتى. بۇ رەڭ بىر خىل قوغدىنىش رەڭگى بولۇپ، ئۇلار 3-4 ئايلىق بولغاندا، بۇ سىزىقچىلار يوقىلىشقا باشلايدۇ.

    ئەتىسى چۈشتە، ئابدۇساتتار خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، مېكىجىن ئالتە بالىسىنى ئېلىپ نەلەرگىدۇر كېتىپ قالغانىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا چارۋا بېقىش كەڭ كۆلەمدە چەكلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى، ئابدۇساتتار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بارغانسېرى كۆپەيدى. «بىز چارلاش جەريانىدا بۇغا، ياۋا توڭگۇز قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئالدىنقى ئايدا گودى ئازگىلىغا ئورنىتىلغان يىراق ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئاپپارات ئارقىلىق بىر بۇغىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.» يېڭىدىن ئاغدۇرۇلغاندەك بىر پارچە بوش چىملىقنى كۆرۈپ، ئابدۇساتتار مۇنداق دېدى: «بۇ ياۋا توڭگۇزنىڭ نادىر ئەسىرى. ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان بۇ ئېللىپىس شەكىللىك قارا قىغنى بۇغا قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلتۇر قىشتا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىغا 15 بۇغىنىڭ سۈرىتى چۈشكەنىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سۈلەيسۈن، قارا ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارمۇ بايقالغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بىر قاتار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە تاغ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى